باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جىسېللې» ۋە «رابىيە – سەئىدىن» دىكى ئۇسسۇلدا ئەكىس ئەتكەن مۇھەببەت روھى(1)

2015.08.04 11:21   مەنبە: خەلق تورى

«جىسېللې» ۋە «رابىيە – سەئىدىن» دىكى ئۇسسۇلدا ئەكىس ئەتكەن مۇھەببەت روھى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 3–ئاۋغۇست كەچتە شىنجاڭ «خەلق» تىياتىرى ۋە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرىدا بلورۇسىيە دۆلەتلىك بالېت سەتنئەت ئۆمىكى ئورۇندىغان «جىسېللې» ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇندىغان ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «رابىيە – سەئىدىن» ئورۇندالدى. دۇنياۋى يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە بالېت تىياتىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق درامماتورگى شېكىسپېر يازغان مۇھەببەت دىراممىسى «رومىئو ۋە ژۇلېتتا» بىلەن ھۆسىن تالىشالايدىغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق مۇھەببەت داستانىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈرۈمچى سەھنىسىدە قويۇلۇشى 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنى كۆرىۋاتقان ئۈرۈمچى خەلقىگە ئۆزگىچە بىر زوق بېغىشلىدى.

  بلورۇسىيەنىڭ بىر گۈزەل سەھراسىدا ساددا سەھرا قىزى جىسېللې ئانىسى بىلەن بىرگە تۇراتتى. ئورمان قارىغۇچىسى شىلەي لىئون جىسېللېنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن جىسېللې ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى. كېنەز ئالبورت ئىسمىنى لوئېسگە ئۆزگەرتىپ، دېھقان قىياپىتىدە كەنتكە تاماشا قىلىشقا كېلىدۇ. جىسېللې ئۇنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. ئىككىسى بىردەمدىلا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولىدۇ. جىسېللې بىلەن كېنەز ئالبورتنىڭ مۇھەببىتىنى توسۇش ئۈچۈن شىلەي لىئون كىچىك ياغاچ ئۆيدىن ئالبورتنىڭ قىلىچى ۋە بۇرغىسىنى تېپىپ چىقىپ، جىسېللېنى ئالدام خالتىغا چۈشمەسلىككە ئۈندەيدۇ. لېكىن جىسېللې كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئالبورتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. لېكىن كېنەز كرتلاندنىڭ قىزى باگېلدې جىسېللېغا ئۆزىنىڭ ئالبورتنىڭ بىلەن چاي ئىچىرۈپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئويلىمىغان زەربە جىسېللېنىڭ قاتتىق ئازابقا قويىدۇ. قاتتىق ئازاب چەككەن جىسېللې ئالەمدىن كۆز ئۈزىدۇ. ئالبورت جىسېللېنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قەبرىسىگە يوقلىغىلى بارىدۇ.قەبرە بېشىدا مۇھەببەت ئازابىدىن ئارمانىغا يېتەلمەي قازا قىلغان قىزلارنىڭ روھى ئالبورتتىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن ئاقكۆڭۈل جىسېللې ئالبورتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. ئالبورت ئۆزىنىڭ ناھايىتى ساپ، ھەقىقىي مۇھەببەتلىك جىسېللېدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ....

  جۇلېس پېرروت ۋە جون كلاري بىرگە ئىجاد قىلغان بۇ باللېت تىياتىرى گېرمانىيەلىك شائىر ھېئىنرىچ ھېينىنىڭ «تەبىئەتتىكى زېرەكلەر» ۋە فرانسىيەلىك يازغۇچى ۋېكتۇر خۇگونىڭ «شەرىق خاتىرىسى» دىكى شېئىر «ئەرۋاھ» نى ماتېرىيال قىلىپ يېزىپ چىققان رومانتىزىم باللېت ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، «باللېت شاھى» دىگەن چىرايلىق نامى بار. ئۇ شۇنداقلا ئەسانىۋى خاراكتېرىلىق شۇنداقلا دەھرىيلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تىراگېدىيە بولۇپ، ئۇنىڭدا تۇرمۇشنىڭ ھەم گۈزەللىكى ھەم توقۇنۇشقا تولغانلىقى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.

  ئىگىلىشىمچە، بلورۇسىيە دۆلەتلىك باللېت سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ھازىرقى سەنئەت نازارەتچىسى ئىۋانوف فلادىمىر بلورۇسىيەدىكى داڭلىق باللېت ئۇسسۇلى چولپىنى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئاققۇ كۆلى»، «مىڭبىر كېچە»، «جىسېللې» قاتارلىق داڭلىق بالللېت ئەسەرلىرى بار بولۇپ، 1952 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «خەلق سەنئەتكارى» نامىغا ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالغان ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «رابىيە – سەئىدىن» باشلىنىشى بىلەنلا كىشىگە بۇرۇن ئورۇندالغان «رابىيە – سەئىدىن» ئوپېراسى بىلەن ئوخشىمايدىغان تۇيغۇدىكى بىر ئۇسسۇللۇق ئوپېرا تاماشىبىنلار ئالدىدا پەيدا بولدى. چۈنكى مەيلى دېكراتسىيە كۆرۈنۈشى ۋە ياكى چىراق، كىيىم كېچەك، مۇزىكا، ئارتىسلارنىڭ روھى قىياپىتى بولسۇن پۈتۈنلەي بۇرۇنقى شەكىل ۋە پۇراق بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، ئۇسسۇللاردىكى ئەنئەنىۋىلىك، زامانىۋىلىق ۋە خەلقئارالىق ئامىلى بۇ ئوپېراغا باشقىچە روھ بەرگەن.

  19 – ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانيار يېزىسىدىكى بىر باينىڭ قىزى رابىيە يېزىدىكى نامرات يىگىت سەئىدىننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن قىزنىڭ دادىسى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ چىن مۇھەببىتىگە قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ، سەئىدىننى قەستلەيدۇ. سەئىدىن قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشقىدا رابىيە ئۆزىنى دەرياغا تاشلىۋالىدۇ. كېيىن كىشىلەر ئۇ ئىككەيلەننىڭ جەسىدىنى بىرگە يەرلىككە قويىدۇ.

  «رابىيە – سەئىدىن» يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى بولغان بۇ ئۇسسۇللۇق ئوپېرا شۇ يىلى سىنتەبىردە سەھنىگە تۇنجى قېتىم ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن دەرھاللا زور داغدۇغا قوزغايدۇ. مەيلى شەندۇڭدىكى ۋە ياكى شىنقاڭدىكى سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بۇ ئۇسسۇللۇق ئوپېراغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. جۇڭگو ئۇسسۇل ساھەسىدىكى يورۇق يۇلتۇز، ئۇسسۇل پىشىۋاسى جىن شىڭمۇ جىنەن ۋە ئۈرۈمچىدە بۇ ئوپېرانى ئىككى قېتىم كۆرۈپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۆپ قېتىملىق ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاشتىن كېيىن 3 – ئاۋغۇست ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «رابىيە – سەئىدىن» تۇنقى قېتىم ئۈرۈمچى سەھنىسىدە ئوينىلىدۇ.

  ـــ بۇلتۇر سەھنە ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم قولغا ئالغاندىن بۇيان سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، ئۇسسۇل ھەرىكىتى، پېرسۇناژلار، مۇزىكا، چىراق ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىگە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاردىكى ئەڭ يېڭى ئۇسسۇل ئامىللىرى قوشۇلدى، ھېسسىياتنى ئۇسسۇل ئارقىلىق ئىپادىلەشتە بىز بىر يېڭىچە ئېدىيەنى بۇ ئوپېراغا سىڭدۈردۇق، ئارتىسلاشمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى. رېژىسسورلار كوللىكتىپىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا بۇ ئۇسسۇللۇق ئوپېراغا شەندۇڭ ۋە شىنجاڭدىكى داڭلىق مۇزىكانت، سەھنە لايىلىگۈچى، چىراقچىلار كۆپ كۈچ چىقىرىپ بۈگۈنكىدەك زور داغدۇغا قوزغىدى، ھەتتا ئويۇننى مەخسۇس كۆرگىلى كەلگەن جىن شىڭ مۇئەللىممۇ سەھنىگە ئالايتەن چىقىپ، ئويۇنىمىزنى قۇتلۇقلىدى،- دېدى بۇ ئوپېرانىڭ باش رېجىسسۇرى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەت 1 – دەرىجىلىك رېژىسسۇرى جەسۇر تۇرسۇن ماڭا.

  شۇ كۈنى مەيلى شىنجاڭ «خەلق» تىياتىرى بولسۇن ۋە ياكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرى بولسۇن ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، خەلقئارا ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ئۇسسۇل سەھنىسىدىكى بۇ ئىككى داڭلىق مۇھەببەت تىراگېدىيەسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۇسسۇللۇق ئوپېرا كىشىلەرگە ئۆزگىچە زوق بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ