باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بىر كۈندە 2 مىليۇن 500 مىڭ نان يېيىلىدۇ

2015.08.03 13:57   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا بىر كۈندە 2 مىليۇن 500 مىڭ نان يېيىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭلىقلار لەغمەن، نان قاتارلىق ئۇن تائاملىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق سىز شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈندە قانچىلىك ئۇن تائامى يەيدىغانلىقىنى بىلەمسز؟ يېقىندا، شىنجاڭ يېزا ـ ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ يېزا ـ ئىگىلىك ئاكادىمىيەسى ئاشلىق تەتقىقات ئورنى شىنجاڭدىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى تەرەققىياتىغا قارىتا مەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ باردى.

  تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئالتە يىل ئاۋۋالقى بىردىن بۈگۈنكى كۈندىكى 34 كە كۆپەيگەن، پولودىن باشقا، ئۇن تائاملىرىنى پىششقلاپ ئىشلەشنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى ھازىرقى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، 78 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  كۈندە 2 مىليۇن 500 مىڭ تال نان سېتىلىدىكەن


  كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە تېزىقچىلىق يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ھەم موما، ھەم بەنشىرە، مانتا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇن تائاملىرى، ھەم نان، لەغمەن، سامسا قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇن تائاملىرى بار.

  شىنجاڭلىقلار سىرتقا چىققاندا تەييار چۆپنى ئەمەس بەلكى نان ئىلىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ

  شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاقلىق تامىقى ناندىن ئايرىلالمايدۇ. ئەتىگەندە ئازراق نان يەۋالىدۇ بەزىدە بىر پىيالە سۈتچاي ياكى شورپىغا نان چىلاپ يەپلا چۈشلۈك تامىقىنى ھەل قىلىدۇ، كەچلىك تاماقنى ئېتىشكە ئۈلگۈرمىسىمۇ نان بىلەنلا پۈتتۈرىدۇ.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا 10 مىڭدىن ئارتۇق تونۇر بار بولۇپ، كۈندە 500 توننا نان يېقىلىدىكەن. ئەگەر 20 مىليۇن شىنجاڭلىق دەپ ھېسابلىساق، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەم 25 گرام نان يەيدىكەن. بىر ناننىڭ ئېغىرلىقىنى 200 گرام دەپ ھېسابلىساق، شىنجاڭلىقلار ھەر كۈنى 2 مىليۇن 500 مىڭ تال نان يەيدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ