مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئەسكەرتمىسى: قىش ۋە ئەتىيازدا تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم

2023.02.22 23:37 مەنبە: تىيانشان تورى



  قەدىرلىك ئاتا- ئانىلار دىققەت قىلىڭلار! قىش، ئەتىياز پەسلىدە تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى نامىدىن مەلۇمكى بىر خىل مېڭە پەردە ياللۇغىنى ئاساس قىلغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە «تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى» دەپ ئاتىلىدۇ. گەرچە تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى بىلەن تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ھەممىسى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، ھەممىسى قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ قوزغىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ، تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى باكتېرىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەل، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەل.

  نېمە ئۈچۈن قەدىرلىك ئاتا- ئانىلارغا قىش، ئەتىياز پەسلىدە تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش ئەسكەرتىلىدۇ؟ جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قىش، ئەتىياز پەسلى ھەم نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىل، ھەم تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل. تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى (%10تىن ئېشىپ كەتكەن) بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇندا كۆرسىتىلگەن دوكلات قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدە ئۆلۈش نىسبىتى تەرتىپىدە ئالدىنقى بەش كېسەللىكنىڭ قاتارىدا تۇرىدۇ. تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان %20 ئاغرىقنىڭ پۇت- قولى ۋە توقۇلمىلار ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇپ قالىدۇ، ئۈچتىن بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىدا ئۆمۈر بويى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەقلىي ئىقتىدارى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى، سېزىش ئىقتىدارى قاتارلىق كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ.

  تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى باكتېرىيەسى ئۇزاق مۇددەت ئادەمنىڭ يۇقىرىقى نەپەس يولى يۈزىگە چاپلىشىۋېلىپ، ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلمايدۇ، بىز بۇنى «كېسەللىك ئالامىتى يوق ئېلىپ يۈرۈش» دەپ ئاتايمىز. قىش، ئەتىياز پەسلى تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل بولۇپ، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، شىللىق پەردە توسۇقىنىڭ زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، چاپلىشىۋالغان تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى باكتېرىيەسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىللىق پەردە توسۇقىدىن ئۆتۈپ قانغا كىرىپ ئېغىر يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، باكتېرىيەلىك قان كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، باكتېرىيە قان ئايلىنىش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىغا يېتىپ بېرىپ، مېڭە پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتەرلىك باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بەك ھودۇقۇپ كەتمەسلىك كېرەك، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئۈچ خىل تەدبىر بار:

  بىرىنچىسى، دورىسىز ئارىلىشىش. مەسىلەن، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، بوۋاقنىڭ تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى كېسىلى بار كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش، تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى تارقالغان مەزگىلدە ئۆلچەملىك ماسكا تاقاش، بوۋاقنى ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش قاتارلىقلار؛

  ئىككىنچىسى، دورىلىق ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش. ئاساسلىقى مۇۋاپىق پەيتتە تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك. ھازىرقى ياش ئانىلاردا تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ئانتىتېلاسى كەمچىل بولغاچقا، بوۋاقلارنى قوغداش خاراكتېرلىك ئانىدىن تارقىلىدىغان ئانتىتېلا بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ، شۇڭا بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەش تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە بوۋاقلارغا ئىشلىتىلىدىغان تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوماق ئاپىلار ئالدىن تەييارلىق قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىدىكى دوختۇرلاردىن بىۋاسىتە مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدۇ. تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىنى ئەڭ ياخشى قوغداش ھېسابلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ۋاقتىدا داۋالىنىش. بوۋاقتا قىزىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، قەدىرلىك ئاتا- ئانىلار بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك.

  تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك بولمىغاچقا، ئاسانلا سەل قارىلىدۇ! تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىدۇ، قىزىش، باش ئاغرىش، قۇسۇش ۋە تېرە قاناش تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بوۋاقلار ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتالمايدۇ، بېشىنىڭ چوققىسىدىكى مېڭە لىپىلدىقىنىڭ تومپىيىپ چىقىشى بوۋاقلارنىڭ مېڭە بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ تىپىك ئىپادىسى.

  بوۋاقلار يىغلىسا ۋە مۇناسىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، بالدۇر دىياگنوز قويدۇرۇپ، بالدۇر داۋالىتىشى كېرەك. تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە گەرچە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ۋاكسىنا ئەملىگەندە پەيدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئانتىتېلا ئۆلۈپ كېتىش، ئېغىر كېسەل بولۇش، مېيىپ بولۇپ قېلىشنى ئازايتىدۇ.

  ئاخىرىدا قەدىرلىك ئاتا- ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قىش، ئەتىياز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل. بالىغا تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ