مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: دۆلىتىمىزدە يۇقۇمنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، ياشانغانلارنىڭ ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز

2023.02.22 23:37 مەنبە: تىيانشان تورى


2-ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس كېسەللىكلىرى ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ساۋ مۇنداق بىلدۈردى: مۇۋاپىق بولغان ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بالىلار، ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق.

ھازىر، دۆلىتىمىزدە يۇقۇمنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، پەقەت قىسمەن تارقاق تارقالغان ئاغرىق مىساللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر تۆۋەن. ياشانغانلارغا، بولۇپمۇ ئاساسىي كېسىلى بار بولغان ياشانغانلارغا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىلگىرىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، ۋاكسىنا ئەملەش، بەدەن ساپاسى ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۆي سىرتىدا پائالىيەت قىلغاندا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلاردا پائالىيەت قىلغاندا، ئىمكانقەدەر بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاش كېرەك؛ قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئاممىۋى بۇيۇملارنى تۇتقاندىن كېيىن، قولنى ۋاقتىدا يۇيۇش كېرەك؛ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ