مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىلار، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملىتىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەستە چىڭ ساقلاڭلار

2023.02.22 23:36 مەنبە: تىيانشان تورى

ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن قايسى ۋاكسىنىلارنى ئەملىتىش، بالىلار «مۇسبەت بولۇپ ساقايغان»دىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىتەلمىگەن بولسا قانداق تولۇقلاپ ئەملىتىش، ئەملىتىش كىنىشكىسى يوقاپ كەتكەن بولسا قانداق تولۇقلاپ بېجىرىش كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بالىلارغا دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىشنى تەرتىپ بويىچە تاماملىغاندا، پۇختا ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يەسلى ئاپپاراتلىرى ۋە مەكتەپلەردە يامراپ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن بالىلارغا چوقۇم ئەملىتىپ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدىغان ۋاكسىنىلار قايسىلار؟ ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنىنىڭ بالىلار ئىممۇنىتېت تەرتىپى جەدۋىلىدە شىنجاڭ ئەملەشنى تەلەپ قىلغان ۋاكسىنا تۈرى ۋە قېتىم سانى بار، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ۋاكسىنا ئەملىتىش ۋاقتىنى سېلىشتۇرۇشى كېرەك، ئەگەر قەرەلى توشقان ئەملەتمىگەن ۋاكسىنا ياكى ئەملىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاكسىنا بارلىقى بايقالسا، ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسى بىلەن ئالدىن كېلىشىپ تولۇقلاپ ئەملەتسە بولىدۇ. ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: شارائىتى بار ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تارقىلىشچان زۇكام، سۇ چېچىكى، قول-پۇت-ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدا بولمىغان ۋاكسىنىلارنى ئەملەتسە بولىدۇ.

  بالىلار «مۇسبەت بولۇپ ساقايغان»دىن كېيىن، قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەتسە، ۋاكسىنىنى تولۇقلاپ ئەملەتسە بولىدۇ؟ ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى «مۇسبەت بولۇپ ساقىيىپ» ئالتە ئايدىن كېيىن ئەملىتىش تەكلىپى بېرىمەن. باشقا ۋاكسىنىلار(غالجىرلىق ۋاكسىنىسىدىن باشقا)غا نىسبەتەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ئەسلىگە كېلىپ، كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىپ 14 كۈندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولىدۇ. «مۇسبەت» چىقىش سەۋەبلىك ۋاكسىنا ئەملىتىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، بالىلار «مۇسبەت بولۇپ ساقايغان»دىن كېيىن قالغان ۋاكسىنىلىرىنى تېزدىن تولۇقلاپ ئەملىتىشى كېرەك، كېچىكتۈرۈپ ئەملەتكەندە بەدەننىڭ ۋاكسىنىغا بولغان ئىنكاس ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ.

  ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق دېدى: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، كاجيېمياۋ ۋاكسىنىسى، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى، قىزىل تەركىبلىك ۋاكسىنا، بەيبەيپو ۋاكسىنىسى، تارقىلىشچان مېڭە-يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسى، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىق ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنىلارنى ئالدىن تولۇقلاپ ئەملىتىش زۆرۈر. كېچىكتۈرۈپ ئەملىتىدىغان ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدا بولمىغان ۋاكسىنىلارنى ئەملەش تەرتىپىگە ئاساسەن ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئەملىتىش كېرەك.

  ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاكسىنا ئەملىگۈچى دوختۇرغا ئەينەن ئېيتىش، ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان كۈنى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان جاي كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك كىيىملەرنى كىيدۈرۈش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەتكەن جايدا 30 مىنۇت كۆزىتىش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملىتىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قىزىش، ۋاكسىنا ئەملەتكەن ئورۇن قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

  ئەگەر بالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىش كىنىشكىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىتىپ كەتسە، ئاتا-ئانىلار كىملىكىنى ئېلىپ بالا تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىغا بېرىپ تولۇقلىسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ