مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بايرامدىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» كۆرۈلسە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى سىزگە ئالامەتلەرنى يېنىكلىتىدىغان بىرقانچە ئەپچىل چارىنى ئۆگىتىدۇ

2023.02.22 23:35 مەنبە: تىيانشان تورى


ئۇزاق دەم ئېلىشتىن كېيىن، بەزى كىشىلەردە خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن پىسخىكىلىق قورقۇش پەيدا بولۇپ، خىزمەتتە زېھنىنى يىغالماسلىق، چارچاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئاھالىلەرگە بايرامدىن كېيىنكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ماسلىشىدىغان بىر جەرياننىڭ بولۇشىنى ئەسكەرتتى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش تەكلىپىنى بەردى.

   روھىي ھالەتنى تەڭشەش

   ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن كەيپىياتنى تەڭشەش كېرەك، ئەگەر ئېغىر بېسىم ھېس قىلسا قورساق ئارقىلىق نەپەسلىنىپ، بالدۇرراق زېھنىنى يىغىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئېلىش، مۇزىكا ئاڭلاش ياكى ھەرىكەت قىلىش، ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىش، بىرقانچە قېتىم چوڭقۇر ھەم ئاستا نەپەس ئېلىش، دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىگە قاراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تېزدىن تەڭشەش كېرەك.

   تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىش

   نۇرغۇن كىشى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مەشغۇلات ئادىتىنى ئۆزلۈكىدىن «بايرام ئەندىزىسى»گە ئالماشتۇرۇۋالىدۇ، كەچتە تۈنەپ كۆپ قىسىملىق تىياتىر كۆرۈپ، ئويۇن ئويناپ، كۈندۈزى قانغۇچە ئۇخلايدۇ، بۇنداق تەرتىپسىز تۇرمۇش مەشغۇلاتى ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىشىنى، كېچىدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفوننى ئاز ئويناپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا سىجىل قاراش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك، ھەر 40-30 مىنۇتتىن كېيىن 15-10 مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك، ئارىلىقتا يىراققا قاراپ، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناپ، كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئېلىپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىش كېرەك.

  ساغلام ئوزۇقلىنىش ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىش

  ​كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە كۆكتات كۆپ، گۆشلۈك غىزا ئاز بولۇش، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. قېنىق چاي، قەھۋە، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش، مېۋىنى كۆپ يېيىش كېرەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت مۇسكۇل بىلەن نېرۋىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق، روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىك ۋە ھاياجانلىنىشنى پەسەيتىپ، دىققەتنى قايتىدىن مەركەزلەشتۈرىدۇ.

  خىزمەت ۋاقتى جىددىي بولسا پارچە-پۇرات ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، كۆپرەك پىيادە مېڭىش، لىفىتقا ئاز چىقىش، كۆپرەك پەلەمپەي بىلەن چىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى خورىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ