مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قايسى تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى

2023.02.22 23:34 مەنبە: تىيانشان تورى



1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 15:00تە، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بالىلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

  ئەڭ ئاۋۋال روھىي ھالىتىگە قاراش، ئەگەر بالىلاردا روھىي ھالىتى ناچار بولۇش، مۈگدەش، ئىچى تىتىلداش، تىنچلاندۇرۇش قىيىن بولۇش، ئىڭراش، ھەتتا روھىي ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش، ئەس-ھوشى توسالغۇغا ئۇچراش ياكى تارتىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ نەپەسلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر بالىنىڭ نەپسى تېزلىشىپ، ھاسىراش، ھەتتا دېمى تۇتۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە؛ ئاۋازى پۈتۈپ قالسا، قېقىلىپ يۆتەلسە، ھەتتا ئاۋازمۇ چىقمىسا؛ نەپەسلىنىشتە قىينالسا، مەسىلەن، بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپى تىترەش، بېشى گىلدىڭلىسا ياكى مۈرىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ نەپەسلەنسە؛ كالپۇكى كۆكىرىش، چىرايى تاتىرىش ياكى كۆكىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

  ئەگەر بالا تاماق يېيىشنى ئانچە خالاپ كەتمىسە ھەتتا تاماق يېمىسە؛ پات-پات قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ياكى سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ كېتىش قاتارلىق سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە؛ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىزىتما (≥℃41) كۆرۈلسە ياكى قىزىتمىسى داۋاملىق ئۆرلەپ چۈشمىسە ۋە ياكى قىزىغان ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە؛ قىزىش بىلەن بىللە يېڭىدىن ئەسۋە چىقىپ قالسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ