مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاماكا چېكىش بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىقمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇ توققۇز خاتا قاراشقا رەددىيە بەردى (1)

2023.02.22 23:33 مەنبە: تىيانشان تورى


  بىرىنچى خاتا قاراش: تاماكا چېكىش بىر خىل ئادەت، تاماكا تاشلاشتا ئاساسلىقى شەخسنىڭ ئىرادىسى بولۇشى كېرەك

  ئادەتتىكى پۇقرالارلا ئەمەس، ھەتتا بىر قىسىم تېببىي خادىملارمۇ تاماكا چېكىشنى بىر خىل ئادەت دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاماكىغا تايىنىشنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئىكەنلىكىنى، دىيابېت كېسىلى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەندىلا، ئاندىن بۇ خىل كېسەلنى قانداق داۋالاشنى ئويلاپ، تاماكا تاشلاش ئامبۇلاتورىيەسى ئىزدەپ، تاماكا تاشلاش دورىلىرىنىڭ ياردىمىدە تاماكىنى تاشلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەمما تاماكا تاشلاش جەريانىدا شەخسنىڭ ئىرادىسى پەقەت بىر تەرەپلا بولىدۇ.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: تاماكا چېكىش بىر خىل مودا ھەرىكەت، جەمئىيەت ئالاقىسىنىڭ ئېھتىياجى

  بىر قىسىم ياشلار تاماكا چېكىش بىر خىل مودا ھەرىكەت، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇش، جەمئىيەت ئالاقىسىنىڭ ئېھتىياجى دەپ قارايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، تاماكا چېكىش ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، تاماكا چېكىش مودا بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل ئەدەبسىز قىلمىش.



  ئۈچىنچى خاتا قاراش: تاماكا چېكىشنىڭ روھلاندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار

  يېزىق خىزمىتى ياكى سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاماكىغا خۇمار بولغۇچىلار بىر تەرەپتىن تاماكا چېكىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇلار تاماكا چېكىش مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا ياكى ئىلھامنى قوزغاشقا پايدىلىق دەپ قارايدۇ.

  تاماكا چەككەندىن كېيىن نىكوتىن چوڭ مېڭىگە كىرىپ، چوڭ مېڭىدىكى نىكوتىن قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىپ، دوپامىن ھاسىل قىلىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن بۇ رول قىسقا ۋاقىتلىق بولۇپ، توختىماي تاماكا چېكىش، نىكوتىننى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش مېڭە قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئالزېيمېر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىگە قارىتا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  تۆتىنچى خاتا قاراش: تاماكا چېكىش بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق

  تاماكا چېكىش تەم سەزگۈسى، ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاماكا چەككەندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. لېكىن تاماكا چېكىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى بۇ بىر خىل كېسەللىك ھالىتىدىكى ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش.

  بىز ئۆپكە تۇبېركۇليوز ئاغرىقلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن بىزنىڭ ئورۇقلاش ئۈچۈن قەستەن ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. تاماكا چېكىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتا ساغلاملىق جەھەتتە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  بەشىنچى خاتا قاراش: تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا تاشلىسا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  تاماكا بىر خىل دورىغا تايىنىۋېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، دورىنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا نوقۇل ھالدا تاماكا چېكىشنى توختاتقاندا، ئۇيقۇسىزلىق، بىئارام بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تاماكا خۇمارىنى تاشلاش يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئىپادىلەر كېسەل بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، تاماكا تاشلىتىش دورىلىرىنى قوشۇپ ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ