مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇسبەت بولۇپ ساقايغاندىن كېيىن ئەتكەنچاي، قەھۋە ئىچىشكە بولامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر: چوڭ مەسىلە يوق

2023.02.22 23:31 مەنبە: تىيانشان تورى


  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، قەھۋە، ئەتكەنچاي ئىچىشكە بولامدۇ؟ يېقىندا، بۇ مەسىلە توردا مۇنازىرە قوزغىدى. بەزىلەر يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنە بەزىلەر ئەتكەنچاي ئىچىپ ئېنېرگىيە تولۇقلىسا بولىدۇ، دېدى، خەلق گېزىتى ساغلاملىق ئابۇنىچىلار تېرمىنالى نۇرغۇن دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار: مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە چوڭ مەسىلە يوق، دەپ بىلدۈردى.

  جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى خۇ جىچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى مۇسبەت بولۇپ ساقايغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى زور دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ، پەقەت يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا ئەتكەنچاي، قەھۋە ئىچسە ئانچە چوڭ مەسىلە يوق. «ئەمما ئومۇمىي مىقدارىنى چوقۇم تىزگىنلەش كېرەك، بىر قېتىمدا نەچچە ئىستاكان ئىچىشكە بولمايدۇ، ساغلام ھالەتتىمۇ بىر قېتىمدا نەچچە ئىستاكان ئىچىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. بىرىنچىدىن، كۆپ مىقداردىكى ئىچىملىك ئاشقازان- ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، ئاشقازان- ئۈچەي يولىنى بىئارام قىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، قەھۋە تەركىبىدىكى كوفېئىن، ئەتكەنچاي تەركىبىدىكى چاي پولىفېنولى نېرۋىنى ئاسانلا غىدىقلايدىغان تەركىب بولۇپ، زىيادە كۆپ ئىچكەندە ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، بۇ مۇسبەت بولۇپ ساقايغاندىن كېيىنكى مەزگىلدىكى دەم ئېلىش ۋە سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز».

  جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش تېببىي ئىلمى جەمئىيىتى ساغلاملىق تارقىتىش شۆبىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، كېشىن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ كەيمۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كۆپ قىسىم تېنى ساغلام، ئادەتتە ئەتكەنچاي، قەھۋە ئىچىپ كۆنگەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە ئانچە چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ. ئەگەر ئادەتتە قەھۋە، ئەتكەنچاي ئىچىپ كۆنمىگەن، ئىچكەندىن كېيىن ئوڭايلا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدىغانلار، ئەڭ ياخشىسى ئىچمەسلىكى كېرەك».

  خۇ جىچېڭ يەنە ئەگەر يۇتقۇنچاق ئاغرىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئامال بار ئەتكەنچاي، قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى. «ئەتكەنچاينىڭ ئادەتتە قەنت تەركىبى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، ئەتكەنچاي ۋە قەھۋەنىڭ تەركىبىدە يەنە كوفېئىن بار بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە يۇتقۇنچاق ئاغرىغاندا، يۇتقۇنچاق قىسمىنى يەنىمۇ غىدىقلاپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.» بۇنىڭدىن باشقا، بەزى مۇسبەت بولۇپ ساقايغان دوستلار ئەگەر ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە گىرىپتار بولسا، يەنىلا ئامال بار ئەتكەنچاي، قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىپ، ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  2022- يىل 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، شاڭخەي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىشتىھاسى ناچار، يېمەكلىلەرنى يۇتۇشى قىيىن بولغان كىشىلەر ئەتكەنچاي قاتارلىق شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى ۋاقتىنچە ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئورنىدا ئىچسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۇقىرىقى ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەھۋە، ئەتكەنچاي قاتارلىق يۇمشاق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدىكەن، لېكىن يالغۇز ئەتكەنچايلا ئەمەس، مېۋە شەربىتى، سۈت، ئۇماچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنېرگىيە تولۇقلايدىكەن، شۇنداقلا ئېنېرگىيە تولۇقلاشنىڭ ئورنىدا ئىچىشكە بولىدىغان ياخشى تاللاش ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، خۇ جىچېڭ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: بەزى كىشىلەر ئادەتتە ئەتكەنچاي، قەھۋە ئىچىشكە كۆنگەن، مەجبۇرىي تاشلاشمۇ پىسخىكا جەھەتتە ماسلىشالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقۇملانغاندىن كېيىن كىشىلەردە پىسخىكا جەھەتتە بەلگىلىك تەشۋىش پەيدا قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئادەتتە ئىچىپ كۆنگەن ئەتكەنچاي، قەھۋەدىن ئازراق ئىچسە، پىسخىكا جەھەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە مەلۇم دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مىقدارىنى ياخشى تىزگىنلەش، كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.

مەنبە: خەلق گېزىتى ساغلاملىق ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ