مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئاق ئۆپكە» دېگەن نېمە؟ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلۈشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

 − دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىشكە تەشكىللىدى

2023.02.22 23:31 مەنبە: تىيانشان تورى



  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۇڭ چېن، شيا كې) يېقىندا تور ئەھلىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بىر قىسىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدا ئۆپكە ياللۇغى بايقالغان، ھەتتا ئۆپكىسىنى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە «ئاق ئۆپكە» ھادىسىسى كۆرۈلگەن. ئاق ئۆپكە دېگەن نېمە؟ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلۈشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى نەپەس يولى خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى تۇڭ چاۋخۇينى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىشكە تەشكىللىدى.

  سوئال: «ئاق ئۆپكە»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى داۋالاشتا ئادەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىلىدىغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز؟

  جاۋاب: «ئاق ئۆپكە» كىلىنىكىلىق خىزمەت جەريانىدىكى ئېغىز تىلى ئاتالغۇسى بولۇپ، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولسىلا «ئاق ئۆپكە» بولۇپ قېلىشى ناتايىن. تېببىي خادىملارنىڭ ئۆزئارا «ئاق ئۆپكە» دېيىشى ئاغرىقنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بىرقەدەر ئېغىر دېگەنلىكى. نۇرغۇن ئەھۋالنى بىز «ئاق ئۆپكە» دەپ ئاتىمايمىز، بەلكى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ، ئۈستىدىمۇ ياكى ئاستىدىمۇ دەپ تەسۋىرلەيمىز. پەقەت ئۆپكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى %75تىن ئاشقاندىلا، ئاندىن «ئاق ئۆپكە» دەپ ئاتايمىز.

  يېقىنقى مەزگىلدىن قارىغاندا، بىر قىسىم ئاغرىقلار ئادەتتىكى ئۆپكە ياللۇغى ئىكەن. ئىنتايىن ئاز ساندىكى «ئاق ئۆپكە» ئاغرىقلىرىغىمۇ مۇناسىپ داۋالاش ئۇسۇلى بار. مەيلى ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى، تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى ياكى ئۆتكۈر نەپەس زەئىپلىشىش بولسۇن، بىزدە نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەن داۋالاش ئۇسۇلى بار، خەلقئارادىن دۆلەت ئىچىگىچە مۇناسىپ كۆرسەتمە ۋە تاكتىكا بار.

  يېقىندا بىز مەسئۇل بولغان بېيجىڭدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر، خەتەرلىك- ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىدا «ئاق ئۆپكە» ياكى ئېغىر، خەتەرلىك- ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ نىسبىتى %3تىن %4كىچە بولغان. ئۆپكە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس زەئىپلىشىشنى كىلىنىكىدا داۋالاش ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، پەقەت ۋاقتىدا داۋالانسا، دوختۇر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلسا، ئوكسىگېن سۈمۈرسە، جاراھەتسىز نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، جاراھەتلىك نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئىشلەتسە، قانچە ئېغىر بولسىمۇ يەنە بەدەن سىرتىدىكى پەردىلىك ئۆپكە ئوكسىگېننى بىرىكتۈرۈش ئەسۋابى (ECMO) قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە خېلى بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.

  سوئال: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاقتىدا داۋالانماسلىق سەۋەبىدىن ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلۈشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

  جاۋاب: قىش پەسلىدە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى دەرھال ئۆرلەيدۇ، قىزىيدۇ، يۆتىلىدۇ، بەلغەم كۆپىيىدۇ، بۇ ئالامەتلەر ئىنتايىن روشەن بولغاندا، دائىم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىدۇ. ياشانغانلاردا ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلسە قىزىماسلىقى مۇمكىن، شۇنداقلا روشەن نەپەس يولى كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن. بىر قىسىم ياشانغانلارمۇ قانداق ئالاھىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ياشانغانلارنىڭ قىزىمىغانلىقىنى، يۆتەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەزىدە بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي، داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشى مۇمكىن.

  ياشانغانلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى بىرقەدەر يوشۇرۇن بولىدۇ، بەزىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. قىزىش، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپىيىش قاتارلىق ياشلاردا بولىدىغان ئىنكاس بويىچە ياشانغانلارنى كۆزىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئىشتىھاسى تۇتۇلسا، سولىشىپ قالسا ياكى باش كۆتۈرمەي ئۇخلايدىغان بولۇپ قالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك.

  بۇ يەردە يەنە بەزى تەكلىپلەرنى بېرىمەن، قىش پەسلى ھاۋا سوغۇق بولىدىغان، شۇنداقلا ئۆپكە ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان تەقدىردىمۇ، ياشانغانلاردا ئاساسىي كېسەللەر بولسىمۇ، ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ. نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، دىمى سىقىلىش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بار- يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى %93تىن تۆۋەن بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

  سوئال: قىش پەسلىدە قوزغىلىدىغان سوزۇلما نەپەس يولى كېسىلى بار ئاغرىقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تارقالغان مەزگىلدە قانداق ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالىنىدۇ؟

  جاۋاب: مەيلى قىش پەسلىدە قوزغىلىدىغان سوزۇلما نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسەللىكلىرى، كانايچە كېڭىيىش قاتارلىقلار بولسۇن، يەنە يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بولسۇن، ھەممىسى قىش پەسلىدە كۆپ قوزغىلىدۇ، شۇڭا كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسەللىكىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، قىش پەسلىدە كۆپ قوزغىلىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دوختۇرخانىدا ياتىدىغان ئاغرىقلار بىرقەدەر كۆپ. نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تارقالدى، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، چوقۇم سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئادەتتە سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ئاغرىقلىرىدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بولسا، ئۆيدە ئوكسىگېن سۈمۈرسە بولىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە دورا ئىچىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاغرىقلارنىڭ سىرتقا ئاز چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى قوزغىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆپكە ياللۇغى سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىمى سىقىلىش ئېغىرلىشىپ كەتسە، دوختۇرخانىغا كېلىپ ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ