مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: سۇ چېچىكى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل! بەش خىل كىشىلەر توپى ۋاكسىنا ئەملىسە بولمايدۇ

2023.02.22 23:40 مەنبە: تىيانشان تورى



ئەتىياز پەسلى ئەسۋە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ سۇ چېچىكى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل. «كىشىلەر توپى ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئىككى ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بىرلا قېتىم كېسەل بولسا ئۆمۈرۋايەت بىرقەدەر يۇقىرى ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېت پىلان ئورنىنىڭ مۇدىر ۋىراچى مەخمۇتجان قۇربان مۇنداق دېدى: «سۇ چېچىكى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ، ئادەتتە مۆتىدىل بولىدۇ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئالامەتلىرى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرى تېرىدە كۆرۈلىدۇ. سۇ چېچىكى چىققاندىن كېيىن بەك قىچىشىدۇ، پەرۋىش قىلىش تەس، تاتىلىسا ئاسانلا تاتۇق قېلىپ، چىرايىغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

سۇ چېچىكى بىر خىل سۇ چېچىكى — بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى (VZV) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئالاھىدىلىكى پۈتۈن بەدەندە سۇ قاپارتقۇسى پەيدا بولىدۇ، نەپەس يولىدىكى تۈكۈرۈك چاچىراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، قاپارتما تېشىلىپ كەتسە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقتىن بۇلغانغان جىسىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ ھەمدە بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان چاڭ-توزان، كىيىم-كېچەك، سايمان قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ھازىر ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلارغا ھاۋا ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. قىسمەن ئاغرىقلاردا سۇ چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئازراق چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ياكى يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەسۋە چىقمايدۇ. بۇ خىل يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلاردىمۇ ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا بولىدۇ، لېكىن نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، سۇ چېچىكى ۋىرۇسىنى باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرىدۇ. «سۇ چېچىكىنىڭ يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، بولۇپمۇ كېسەل بولۇشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قاپارتما قۇرغاقلىشىپ قاقاچ تۇتقانغا قەدەر بولغان مەزگىلدە شۇنداق بولىدۇ. ناۋادا سۇ چېچىكى كېسەللىك مىسالى پەيدا بولسا، ئەتراپتىكى كۆپ قىسىم ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەردە كېسەل قوزغايدۇ» دېدى مەخمۇتجان قۇربان.

سۇ چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ تەخمىنەن ئىككى ھەپتىلىك يوشۇرۇن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاغرىقتا باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئارقىدىنلا بەلگە خاراكتېرلىك قىزىل رەڭلىك ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، كېيىن قاپارتما پەيدا بولىدۇ، ئېغىرلاشسا سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ، قىچىشىدۇ، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن قۇرۇپ قاقاچ تۇتۇشقا باشلايدۇ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا قاقاچ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەسۋە تەن قىسىمدا كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا باش-يۈز قىسمىدا كۆپرەك بولىدۇ، پۇت-قولدا ئازراق، ئالىقان، تاپاندا تېخىمۇ ئاز بولىدۇ.

«سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېجەشلىك ۋاسىتە، ئىككى قېتىم ۋاكسىنا ئەملەشنى تەۋسىيە قىلىمىز.» مەخمۇتجان قۇربان مۇنداق دېدى: سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە بەزى ئەكس تەسىرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دائىم كۆرۈلىدىغان ئەكس تەسىرلەر ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇن ئاغرىش، قىسمەن ئورۇن قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىقلار، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن پەسىيىدۇ، ئالاھىدە ئىپادىسى بولمايدۇ. بىر قىسىم ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەردە قىزىش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئادەتتە تۆۋەن قىزىتما ياكى ئوتتۇرا قىزىتما بولىدۇ، بۇ خىل قىزىتما بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يېنىشى مۇمكىن، يەنە بىر قىسىم ۋاكسىنا ئەملىگۈچىدە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، جەمەت ۋە شەخسلەردىن تارتىشىپ قېلىش كېسىلى بارلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بارلار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللاردىن ئىبارەت بەش خىل كىشىلەر توپى سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىسە بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ