مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىلانغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئالداپ كېتىلدى

2023.02.22 23:39 مەنبە: تىيانشان تورى



  بىر تېلېفون بىلەنلا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئالداپ كېتىلدى، ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تۈرىدىكى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

  يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شەھەر ئاھالىسى رۈەنxxنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى. رۈەنxxنىڭ ئېيتىشىچە: ئۆزىنى جىفۇباۋنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەۋالغان بىرەيلەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، رۈەنxxنىڭ خۇابېيدىكى ئىناۋەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قارشى تەرەپنىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قالغان رۈەنxx ئالدامچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قەرز ئالغان 228 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالدامچى كۆرسىتىپ بەرگەن ھېسابات نومۇرىغا يۆتكىگەن، بۇ ئىشتىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.

  مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ئالدامچىلىق شايكىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنى يۇيۇپ بېرىش نامى بىلەن ئېلىپ بارغان ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرى سانىنىڭ بىرمەھەل تېز ئاشقانلىقىنى بايقىدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئاممىنىڭ بۇ تۈردىكى تېلېفونلارنى قوبۇل قىلغاندا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.

  ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرى شىددەت بىلەن ئاشتى

  يېقىندا فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجوۋ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق لىن خانىم ئالدامچىلاردىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، قارشى تەرەپ لىن خانىمنىڭ جىڭدۇڭ ئەپ دېتالىدىن ئالغان قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇنى باشقا قەرز ئېلىش سۇپىسىدىن قەرز ئېلىشقا يېتەكلىگەن ھەمدە 140 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى ئالدامچىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا يۆتكىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. جاڭجوۋ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەشنى دەل ۋاقتىدا توختىتىپ، بەش مىنۇت ئىچىدە 140 مىڭ يۈەن پۇلنى توسۇپ قالغان.

  فۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى راۋ لۇمىڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئالدامچى ئۇنسۇر پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئىناۋەتلىك قەرز ئىسچوتىڭىزدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز پۇل بار ئىكەن، ۋاقتىدا رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋەتمىسىڭىز شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىڭىزگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن دېگەندەك يالغان گەپلەرنى توقۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۆزلىرى لايىھەلىگەن قىلتاق بويىچە مەشغۇلات قىلىشقا ئازدۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ نامىدىكى مەبلەغنى ئالدامچىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەشكە ئازدۇرغان.

  فۇجوۋ، چۇەنجوۋ، پۇتيەن قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 7-، 8- ئايدىن بۇيان، جىڭدۇڭ بەيتياۋ، جىفۇباۋ خۇابېي، شياۋيۈەندەي قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. فۇجوۋ شەھىرىنىڭ گۇلوۋ رايونىنى مىسالغا ئالساق، بۇ تۈردىكى دېلولارنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقى تۈرىدىكى دېلولاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇر 8- ئايدىكى تەخمىنەن %8تىن كۆپىيىپ، بۇلتۇر 11- ئايدا تەخمىنەن %20كە يەتكەن.

  پۇتيەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى شيې فېڭجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ تىپىك «سېنارىيەسى» ئاساسەن مۇنداق بولىدۇ: ئالدامچىلار پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ مۇقىم تېلېفوندىن تېلېفون قىلىدۇ، ئاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قەرزنى قايتۇرمىسا ياكى ھېساباتنى رويخەتتىن ئۆچۈرمىسە شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئەپ دېتالى چۈشۈرۈشكە ۋە قەرز ئېلىش سۇپىسىدىن قەرز ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ، ئاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالغان قەرز پۇلىنى چىقىرىۋېلىپ ئالدامچىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەشكە ئازدۇرىدۇ.

  نۇرغۇن جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئالدامچىلىقى بولسا ئالدامچىلىق شايكىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالداش سۆزلىرى، يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى قانۇنسىز كەسىپلىرى ۋە پۇل يۇيۇش يوللىرى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش ھالقىلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان پىسخىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ لايىھەلىگەن يېڭى قىلتاق ھېسابلىنىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامدىكى دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئالدامچىلىقى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلى ئەمەس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئېلىشىغا دائىر ئالدامچىلىق دېلولىرىدا، ئالدامچىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوغدىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، جەمئىيەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغانىدى، زەربە بېرىش سالمىقى زورايتىلغاندىن كېيىن بۇ خىلدىكى دېلولارنىڭ يۈزبېرىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتە قەرز بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ دېتاللىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالدامچىلار جىفۇباۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ مۇلازىمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلدى، بۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى.

  ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى كۈنسېرى يېڭىلانماقتا

  بۇلتۇر 11- ئايدا، فۇجوۋدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېنxx ئۆزىنى جىڭدۇڭ ئەپ دېتالىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەۋالغان بىرەيلەننىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا ئەگەر جىڭدۇڭ بەيتياۋنى بىكار قىلىۋەتمىسە ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بىر تور ئۇلانمىسىنى ئەۋەتكەن. چېنxx ئۇلانمىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئۆزىنى بانكا بىرلەشمىسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەۋالغان بىرەيلەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن، چېنxx قارشى تەرەپنىڭ يېتەكلىشى بويىچە بەلگىلەنگەن قەرز ئېلىش سۇپىسىدىن 260 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئاندىن بۇ پۇلنى ئالدامچىلىق شايكىسى كۆرسىتىپ بەرگەن بانكا ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەپ بەرگەن.

  چېن xx ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن جىڭدۇڭ بەيتياۋنىڭ ئابۇنىچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قارشى تەرەپكە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە بەك ئەھمىيەت بەرگەچكە، ناھايىتى تېزلا قىلتاققا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، پۇلنى ئالدامچىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

  «رايون نومۇرى+ مۇقىم تېلېفون نومۇرى» قاتارلىق تېلېفونلاردىن پايدىلىنىپ دېلو سادىر قىلىش ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئالدامچىلىقىنىڭ يەنە بىر تىپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۇەنجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى فېڭزې شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى سۇ جىڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئادەتتە مەۋھۇم يانفون نومۇرى، بېشى «95»، «+» ياكى «00»دىن باشلانغان چېگرا سىرتى نومۇرلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلاتتى. يۇقىرىقى ئەنئەنىۋى ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مۇقىم تېلېفوندىن كەلگەن تېلېفون ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنىڭ «خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى» سالاھىيىتىگە ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئالدامچىلارنىڭ ئالداش ئۇسۇلى، يوشۇرۇنۇشچانلىقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، يېقىندا بۇ تۈردىكى دېلولار كۆپ قېتىم پاش قىلىندى.

  ساقچى تەرەپ يېقىندا مۇنداق بىر دېلونى پاش قىلدى: خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىم ئورنىتىش ئىشچىسى باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ كەڭ بەلباغلىق تور كەسپىنى ئاچقان ھەمدە مۇناسىپ مۇقىم تېلېفون نومۇرىغا ئىگە بولغان، چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىق شايكىسىنىڭ خادىملىرى چېگرا ئىچىدىكى خادىملىرىنى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان، ئارقىدىن ئالاقە تورى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۇقىم تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تېلېفون قىلغان، بۇ مۇقىم تېلېفوندىن ئۇرۇلغان كۈنلۈك تېلېفون سانى 1000 قېتىمدىن ئاشقان.

  قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى كۈنسېرى پەن-تېخنىكىلىشىش، تۈجۈپىلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قارماققا ئىلىنىپ قالسا ئاسانلا ئازگالغا چۈشۈپ كېتىدۇ. كۆپلىگەن دېلولاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدامچىلار ئادەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئېكراندىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەپ دېتالنى چۈشۈرۈشكە يېتەكلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مەشغۇلاتىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرىدىكەن ھەمدە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان بىر تىپىك دېلودا ئېيتىلىشىچە، جياڭسۇلۇق ۋۇ ئەپەندى ئۆزىنى مەلۇم سۇپىنىڭ خىزمەتچىسى دەۋالغان بىرەيلەننىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ۋە قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئېكراندىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەپ دېتالنى چۈشۈرگەن، ئارقىدىن قارشى تەرەپنىڭ يىراق مۇساپىدىن يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن قەرز ئېلىش، ھېسابات يۆتكەش قاتارلىق تەرتىپلەرنى تاماملىغان، نەتىجىدە 110 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلى ئالداپ كېتىلگەن.

  شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل 1- ئايدا بۇ تۈردىكى دېلولارنىڭ يۈزبېرىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساختا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئالدامچىلىق شايكىسى قولغا چۈشۈرگەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى توپتوغرا بولۇپ، ئالدىماقچى بولغان ئوبيېكتنى ئاسانلا ئىشەندۈرەلەيدۇ. بۇ ئەھۋال مال سېتىۋالغاندىكى زاكاز ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بىرقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بەلكىم تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ھالقىسىدا ياكى ئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سىستېما بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئارقىدا قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پۇقرالارنىڭ ئالاقە تورى كارخانىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىقلاردا ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئوغرىلىنىش، ئاشكارىلىنىش ۋە قالايمىقان ئىشلىتىلىش ئەھۋاللىرى پات- پات يۈزبېرىپ تۇرىدىكەن، بۇ ئۇچۇرلار چېگرا سىرتىدىكى تور بېكەتلىرى قاتارلىق سۇپىلاردا قانۇنسىز ئېلىپ- سېتىلىپ، قارا كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جۈنخەي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالدامچىلىق جىنايىتىنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، زەنجىرسىمان زەربە بېرىش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورى سۇپىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشتىكى «پاسىل تام»نى ھەقىقىي چىڭىتىش لازىم.

  شيې فېڭجيەن قاتارلىق ساقچىلار مۇنداق ئەسكەرتتى: پۇقرالار ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك، ئۆزىنى مەلۇم پۇل مۇئامىلە سۇپىسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەۋالغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا ئاسانلا قارشى تەرەپكە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئۆزى ئالاقىدار سۇپىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى ئېنىقلىشى كېرەك؛ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، دوست قىلىپ قوشۇش، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش، سىنلىق كۆرۈشۈشنى رەت قىلىش لازىم. ئەگەر قارشى تەرەپ پۇل يۆتكەش، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش، رەسمىيەت ھەققى تۆلەش، بىخەتەرلىك ئىسچوتىغا ھېساب يۆتكەش قاتارلىق مەبلەغقە مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى قىلغان ھامان دەرھال تېلېفوننى قويۇۋېتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ