مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا 30 ياشنى چەك قىلىش مۇۋاپىقمۇ؟

2023.02.22 23:38 مەنبە: تىيانشان تورى



  باھار بايرىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش رەسمىي باشلاندى، يېقىندا بەزىلەر نۇرغۇن كارخانىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا 30 ياشتىن تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت ياش چەكلىمىسى قويغانلىقىنى بايقىدى، نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچى «35 ياشتا كۆرۈلىدىغان خىزمەت ئىزدەش كىرىزىسى ئالدىغا سۈرۈلۈپتۇ» دەپ ئەپسۇسلاندى، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئۇنداقتا، ياش ئۆلچىمىگە بۇنداق چەك قويۇش مۇۋاپىقمۇ؟



  30 ياشتا كۆرۈلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىزىسى

  ياڭ لىخۇا مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىزچىل كىيىم- كېچەك ۋە مودا تېز ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلدى، دۇكاندار ھەم باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەپ باقتى. ئۇ مۇخبىرغا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان ياشلار ئىكەنلىكى، يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ بىرقەدەر چوڭ ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم كەسىپ ئالماشتۇرغانلىقى، بىراق يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۆزىنىڭ تاللىيالايدىغان ئىش ئورنىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  چاڭچۇندىكى مەلۇم كەنت- بازار بانكىسى پارچە سېتىش دىرېكتورى تەكلىپ قىلىشتا، يېشى 30 ياشتىن تۆۋەن (30 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشنى تەلەپ قىلدى؛ شاڭخەيدىكى مەلۇم ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى كادىرلار ئىشلىرى مەخسۇس خادىمى تەكلىپ قىلىشتا، يېشى 30 ياشتىن تۆۋەن بولۇشنى تەلەپ قىلدى؛ جىنەندىكى مەلۇم رەقەملىك پەن- تېخنىكا شىركىتى مەمۇرىي ياردەمچى تەكلىپ قىلىشتا، يېشى 30 ياش ئىچىدە بولۇشنى تەلەپ قىلدى... مۇخبىر توردىكى ھەرقايسى چوڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۇپىلىرىدىن نۇرغۇن كارخانىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا 30 ياشنى «ياش ئۆلچىمى» قىلغانلىقىنى بايقىدى.



   جياڭشىلىق لى بېي بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ خىزمەت ئىزدىگەندە ياش چەكلىمىسى سەۋەبلىك خىزمەت تېپىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.

  لى بېي خىزمەت ئىزدىگەندە ئايلىق مائاشى 5000 يۈەن، قوش دەم ئېلىش كۈنى بولۇشنى نىشان قىلدى. ئۇ بىر سودا سارايدىكى بالىلار ۋە ئاياللار كىيىملىرىنى ساتىدىغان بىر ئورۇنغا بېرىپ يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتى، ئەمما نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

  لى بېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىر ئايالچە كىيىم- كېچەك دۇكىنىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىغا قاتناشقىنىمدا قارشى تەرەپ ئېنىق قىلىپ «بىز مال ساتقۇچىلارغا 27 ياشتىن تۆۋەنلەرنى قوبۇل قىلىمىز» دېدى، يەنە بىر كىيىم- كېچەك دۇكىنىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ «ئەگەر 35 ياشتىن ئېشىپ كەتسە، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرەلمەيدۇ» دېدى.

  ياڭ لىخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەيلى توردا خىزمەت ئىزدەش بولسۇن ياكى ئىختىساسلىقلار بازىرىدا ئىش تېپىش بولسۇن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ياشقا قويغان تەلىپىنىڭ بارغانسېرى قاتتىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۆيۈمدە ئاتا- ئانام ۋە بالام ماڭا قاراشلىق، ھازىر دەرھال ئىشقا چۈشكىلى بولىدىغان خىزمەت تېپىپ ئۆيۈمنىڭ قەرزىنى تۆلىمىسەم ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ.

 



«ياش ئەندىشىسى» قانداق پەيدا بولدى؟

  كارخانىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا نېمىشقا ياش ئەمگەك كۈچلىرىگە تېخىمۇ مايىل بولىدۇ؟

  مەلۇم ياسىمىچىلىق كارخانىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى مەسئۇلى تيەن ۋېنچيەن مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانىلار ئەمگەك سىجىللىقى بىرقەدەر چوڭ بولغان بەزى ئىش ئورۇنلىرىغا ياش خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، ئۇلار يېشى چوڭراق خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچىنىڭ يېتىشەلمەي قېلىشىدىن، كېچىلەپ ئىشلەشكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشلار غەيرەت- شىجائەتلىك بولۇپ، ئۇلاردا ئائىلىنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ، پۈتۈن زېھنى بىلەن نەتىجە قازىنىشقا ئاتلىنالايدۇ، ئۆيلىنىپ پەرزەنت كۆرگەن ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئەۋزەللىكى تەبىئىيلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.

  تيەن ۋېنچيەن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، بولۇپمۇ ئالاقە تورى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىزمەت جەريانىدا ئېرىشكەن ماھارەت ۋە تەجرىبە ئانچە مۇھىم ئەمەس، بەلكى يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ئىجادچانلىق كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى تېخىمۇ مۇھىم، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ۋاقىتقا تايىنىپ توپلىغىلى بولمايدۇ.

  27 ياشلىق پىروگرامما تۈزگۈچى خۇ يۈفېي بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

  كەسىپ داۋالغۇشى ھەمدە يۇقۇمنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل خىزمەت ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ شىئەندىن نەنجىڭغا، ئاندىن ۋۇخەنگە كېلىپ ئىش ئىزدىدى، بۇ جەرياندا ئۈچ قېتىم خىزمەت ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى ئىشلىگەن بۇ ئىنتېرنېت تورى شىركەتلىرىدە ياشلىشىش خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالغان، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يېشىمۇ ئارانلا 35 ياش ئەتراپىدا ئىكەن.

  ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇنداق بىر ئېنىق «قىزىل سىزىق» بار، ئۇ بولسىمۇ 35 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا بىرىنچى سەپتە پىروگرامما لايىھەلەش بىلەنلا شۇغۇللانسا، ئۇنداقتا بۇ تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئاسانلا شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

  مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، نۇرغۇن خىزمەت ئورنىدىكى كىشىلەردە 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا «ياش ئەندىشىسى» باشلىنىدىغانلىقىنى، يەنى ھازىرقى خىزمەت ئورنىدىن شاللىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلسە، قايتا خىزمەت تاپماقچى بولغاندا «يېشى چوڭىيىپ» قالغانلىقى سەۋەبىدىن توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايقىدى.



   بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا، چوڭ ياشلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆزىنىڭ بىلىمىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۆلچەملىك مەشغۇلات ياكى لاۋازىمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرا، چوڭ ياشلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئاسانلا ياش خىزمەتچىلەر ياكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ.



ياش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈش كېرەك

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ياشنى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىش ئەمگەكچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ يەنخۇا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياش جەھەتتىكى كەمسىتىش ئادىلسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىسىز؛ كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەمسىتىش خاراكتېرىدە ئەمگەكچى ئىشلەتكەندە ھەقىقىي ئىقتىدارلىق ئەمگەك كۈچلىرى كارخانىغا كىرىپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش ئازىيىپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش، ئەمگەكچى ئىشلىتىش تەننەرخى ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نوپۇس ئەۋزەللىكى تەدرىجىي يوقىلىۋاتقان، نوپۇس كۈنسېرى قېرىلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئادەم كۈچى بايلىقى ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



  گۇاڭدۇڭ گۇاڭخې (چاڭچۇن) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈچى مۇنداق دېدى: ئەمگەك قانۇنىدا «ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدىمۇ «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئەمگەكچىلەرنى باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىشى شەرت، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تۈرلۈك كەمسىتىشلەرنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

  گەرچە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردا ياش جەھەتتىكى كەمسىتىش ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ياش جەھەتتىكى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشقا بوشلۇق قالدۇرۇلغان.

  ۋاڭ يۈچى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەمگەك قانۇنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يېپىق ھالەتتە كۆرسىتىلىپ، «ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادى»دىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ ئارقىسىغا «قاتارلىقلار» دېگەن سۆز قوشۇلدى. بۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

  ۋاڭ يۈچى يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەمگەكچىلەر ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭى ماھارەت يېتىلدۈرۈش، كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن باشقا، يەنە دۆلەت قاتلىمىدىن ئاكتىپ بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئادەم ئىشلەتكەندە ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا ياشنى ئۆلچەم قىلىۋالماسلىققا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ