مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ خىل قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا قۇتقۇزۇپ-ياردەم بېرىلىدۇ

2023.02.22 23:38 مەنبە: تىيانشان تورى


  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پاناھلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەپتىش قىلىش، دېلو بېجىرىش ھالقىسىغا كىرگەن، پاناھلاندۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان «2+5» تۈرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاياللار؛ جۈملىدىن قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە نازارەت قىلىش ئوبيېكتى بولغان يېزا ئاياللىرى؛ ئائىلە زۇلمى، جىنسىي زىيانكەشلىك، ئالداپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاياللار؛ ئائىلىدىكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قازا قىلغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولغان ئاياللار؛ ئېغىر كېسەل ياكى مېيىپ ئاياللار؛ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىنىڭ مۇناسىپ ئىقتىدارى بولمىغان ياكى ئەمەلىيەتتە قارىغۇچىسى يوق ياشانغان ئاياللار قاتارلىق بەش خىل قىيىنچىلىقى بار ئاياللار؛ شۇنداقلا خىزمەتتە جىنسىي كەمسىتىشكە ئۇچراش، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش قاتارلىق ھەق- تەلەپ ھوقۇقى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچراش دېلولىرى سەۋەبلىك تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان، قىيىنچىلىقىنى قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىش قىيىن بولغان ۋە ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغانلىقتىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ھەقىقەتەن قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق ئاياللارنىڭ قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ