مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايراملىق پۇل زادى كىمگە تەۋە؟ سوتچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باقايلى

2023.02.22 23:35 مەنبە: تىيانشان تورى



  باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى، نۇرغۇن كىچىك دوست ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، چوڭلار بەرگەن بايراملىق پۇللارنى تاپشۇرۇۋالدى، لېكىن ـــــ «ئاپاڭ باشقىلارغا بايراملىق پۇل بەرگەچكە، باشقىلار ساڭا بەردى، بۇ سېنىڭ پۇلۇڭ ئەمەس» «سەن تېخى كىچىك، بايراملىق پۇلنى خەجلىسەڭ بولمايدۇ، بىز ساقلاپ بېرەيلى»... ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق دېيىشى زادى توغرىمۇ؟ خەيدىيەن سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايراملىق پۇلنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بالىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەدىيە توختامى ھەدىيە قىلغۇچى ئۆز مال-مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى شۇ ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان توختامدۇر. «بالىلارغا بايراملىق پۇل بېرىش قانۇندا ھەدىيە قىلىش ھەرىكىتىگە كىرىدۇ، بالا ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ پۇل يۆتكەلگەندە، بايراملىق پۇلنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بالىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.» سوتچى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ بالىسىغا بايراملىق پۇل بېرىشى يەنە بىر خىل مۇستەقىل ھەدىيە قىلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ، بايراملىق پۇل ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ۋە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ بالىسىغا بايراملىق پۇل بېرىش ھەرىكىتى بايراملىق پۇلنىڭ ئىگىدارلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بايراملىق پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىگە ئىشلىتىدۇ، بۇنداق قىلسا بولامدۇ؟

  «بولمايدۇ.» سوتچى مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ۋەسىينىڭ مەسئۇلىيىتى ــــــ ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىقلار. ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغاندىن سىرت، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ. شۇڭا بايراملىق پۇلنى ئاتا-ئانىلار ساقلاپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانىلار ياخشى ساقلىشى، خەجلىۋالماسلىقى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

  بىراق، بالىنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، بۇنچە كۆپ بايراملىق پۇلنى مۇنداقلا ئېلىۋالسىمۇ، ھەقىقەتەن مەسىلە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  «گەرچە بايراملىق پۇل كىچىك دوستلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، قانداق ئىشلىتىشتە يەنىلا كونكرېت ئەھۋالغا قاراش كېرەك.» سوتچى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا «سەككىز ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ لېكىن، ئۇلار نوقۇل ساپ پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ياكى يېشىغا، ئەقلىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلسا بولىدۇ. سەككىز ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سەككىز ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بايراملىق پۇلىنى ئاتا-ئانىسى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى كېرەك؛ سەككىز ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بايراملىق پۇلىغا بەزى ئوقۇش قوراللىرى، ئويۇنچۇق، يېمەكلىك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، يېشىغا، ئەقلىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قىلسا بولىدۇ، لېكىن چوڭ بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ياكى كۆپ سوممىلىق ئويۇنغا قىممەت تولۇقلاش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقى ياكى ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ