باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تۇرمۇش

قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى

ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش

2014.05.15 15:41         مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەن ‹‹مەلىكە ئاماننىساخان›› ناملىق تارىخىي روماننى 2–قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇ قېتىم بۇ روماننى تۇنجى قېتىم ئوقۇغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۆزگىچە تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم. ئاماننىساخاننىڭ مەشھۇر مۇقامشۇناس ۋە شائىر بولۇپ چىقىشىدا دادىسى مەھمۇت ئاكىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان ، بولۇپمۇ مەھمۇد ئاكىنىڭ كىتابخۇمارلىقى ئاماننىساخانغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن. كىتاب ئوقۇش بىر تەرەپتىن ئاماننىساخانغا شېئىرىي تالانت ئاتا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پىكىر قىلىش، دۇنيا قارىشىنى يېڭىلاش، خەلق سەنئىتى، مەدەنىيىتىگە چىن ئىشتىياق باغلاش ۋە بۇ يولدا جان پىدا قىلىش روھىنى ئاتا قىلغان. ئاماننىساخان كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇمۇشلۇق خانىشقا، پادىشاھنىڭ قابىل مەسلىھەتچىسىگە، سۆيۈملۈك دىلرەباسىغا، خەلق سەنئىتىنىڭ گۆھىرى بولغان مۇقامنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنى بېيىتىشنىڭ باشلامچىسىغا يەنى مەشھۇر مۇقامشۇناسقا ئايلانغان. مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىدىن شۇنى خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى، كىتاب قىز–ئاياللارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە يولۇققان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىدا ئەڭ ياخشى ياردەمچى قورال بولالايدۇ. يىگىتلەرگە قارىغاندا قىزلارنىڭ كىتاب ئوقۇپ ئۆزىنى تەربىيىلىشى، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشى تېخىمۇ مۇھىم. چۇنكى قىزلار ئايال بولۇپ ئائىلىنىڭ ماتورىغا، ئەرنىڭ بەخت –نۇسرەت ئىزدەش، يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىش بۇلىقىغا ئايلانسا، ئانا بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ ئىشقىدا سايرايدىغان بۇلبۇلغا ئايلىنىدۇ. قىزلاردىكى بىلىم چوقۇم ئۇنىۋېرساللىققا، كۆپ قاتلاملىققا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك.

  جەمئىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، قىزلارنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ھەرگىزمۇ ئوغۇللاردىن كەم ئەمەس. ئەمما ئوقۇيدىغان كىتاب تىپى، خاراكتېرى، مەزمۇنى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىزلار مۇھەببەت ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بەزى قىزلارنىڭ قولىغا مۇھەببەت رومانلىرى چىقىپ قالسا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ناھايىتى تېزلىكتە ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. كىتابتىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئازابلىق كەچۈرمۈشلىرىنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كېتىدىغان، دوستلىرى بىلەن پېرسۇناژلار ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىدىغان ئىشلار كىتابقا ھېرىسمەن قىزلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.

  مۇھەببەت بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان تېما. ھەممە ئادەم مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ، مۇھەببەت ئۇچۇن كۈرەش قىلىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى قىزلار تېخىمۇ شۇنداق. مۇھەببەت رومانلىرى بەزى قىزلارنى رومانتىكىلىققا، خىيالى تۇيغۇغا باشلاپ قويۇپ رىئاللىقتىكى مۇھەببەتنىڭ چىنلىقىنى ھېس قىلىشىغا توسالغۇ بەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەمما قىزلار مۇھەببەت رومانلىرىنى ئوقۇغاندا ۋەقەلىكنى ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن باغلاپ تۇرۇپ تەھلىل قىلالىسا، كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلالايدۇ. مۇھەببەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش، مۇھەببەتلىشىش، مۇھەببەت سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىممەتلىك دېتاللارغا ئىگە بولالايدۇ، رىئاللىقتىكى مۇھەببەت بىلەن كىتابتا تەسۋىرلەنگەن رومانتىك مۇھەببەتنىڭ پەرقىنى تونۇپ يېتىپ رىئاللىققا يۇزلىنەلەيدۇ.

  قىزلار ئارىسىدا ۋەقەلىك قوغلىشىپ بىر تەرەپلىمە كىتاب ئوقۇيدىغانلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار پەقەت ھەۋەس ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ. ئەمما ئوقۇغانلىرىدىن مۇپەسسەل چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ ۋەقەلىكىنى سۇدەك ئېيتىپ بېرەلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنى يەكۈنلەپ چىقالمايدۇ. بۈگۈنكى قىزلار ئەتىكى ئاياللار، ئانىلاردۇر. قىزلار ھەم مۇھەببەت بېغىشلىغۇچى، ھەم مۇھەببەتكە ئېرىشكۈچىدۇر. باشقىلارغا مۇھەببەت بېغىشلىغۇچى يالغۇز مۇھەببەت تېمىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلەنسە بولمايدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدە ئايال بولۇش، ئانا بولۇش ئۇچۇن چوقۇم قىز ۋاقتىدىن تارتىپ ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ روھىنى قېزىشى، ئاياللىق خۇلق، ئاياللىق مەجبۇرىيەت، ئانىلىق مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئىدىيىۋى تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. نۇرغۇن بىلىملەر تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. تۇرمۇش ئاتا قىلغان بىلىمنى تونۇشنىڭ ئۆزى بىر ماھارەت. قىزلار ئاياللىق، ئانىلىق دوقمۇشىغا قەدەم قويۇشتىن ئاۋۋال چوقۇم كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنى ئەتراپلىق تەربىيىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا قىزلار زادى قانداق كىتابلارنى ئوقۇشى كېرەك؟

  قىزلار كەلگۈسىدىكى ئەۋلاد تەربىيىلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى. تارىخ دېمەك ئۆتمۈش، ئەجدادلارنىڭ ماڭغان يولى دېمەكتۇر. ئۆز ۋەتىنىنىڭ ، خەلقىنىڭ ئەر–ئايال، ئۇلۇغ، كىچىك قەھرىمانلىرى، ئالىم، پەيلاسوپلىرى، مەدەنىيەت– سەنئىتى، ئىجاد–ئىختىرالىرى ھەققىدە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندا ئاندىن ئەۋلادلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولمىش قىزلار ئانىلىق بوسۇغىسىدىن ئاتلىغاندا پەرزەنتلىرىگە ئەجدادلاردىن پەخىرلىنىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل روھنى ئاتا قىلالايدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئۆتمۇشىنى كونىلىق، خۇراپاتلىق دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ مىللىي روھىدىن چەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ھەتتا ئەخلەتلىرىنى ئەلا بىلىدىغان غەيرى ئېقىمدا ئېقىشىنى چەكلەپ، تارىخقا توغرا قاراپ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى بىرئەۋلاد ئىز باسارلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ. قايسىبىر دانا: ‹‹تارىخنى ئۇنتۇش جىنايەت›› دېگەن. شۇڭا قىزلار تارىخنى تارىخچىلار ئۆگىنىشى كېرەك دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ئازاد بولۇپ، تارىخىي كىتابلارغا كۆپرەك نەزەر– كۆزىنى ئاغدۇرۇپ بۈيۈك ئىنقىلابلارنى، ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئىش –پائالىيەتلىرىنى كاللىسىغا مەھكەم ئورنىتىپ بالىلارغا دەرس ئۆتكۈدەك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۆزئەجدادلىرىنىڭ ئىزىدىن ئۇچۇر بېرەلمىگەن ئانا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا لاياقەتلىق ئانا بولالمايدۇ. تارىخىي كىتابلار قىزلارنىڭ كەلگۈسىدە پەرزەنتىگە ھاياتلىق ھەقىقەتلىرىنى تونۇتىدىغان قامۇسى بولالايدۇ.

  قىزلار مۇئامىلە سەنئىتىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى. قىزلارنىڭ باشقىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ قانداقلىقى ئۇلارنىڭ لايىق تېپىشى، مۇھەببەتلىشىشى، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن بەختلىك بولۇش–بولماسلىقى، ئۇرۇق–تۇغقان، دوست–بۇرادەرلىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈش –ئۆتمەسلىكى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش–بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ يەردىكى مۇئامىلە سەنئىتى قىزلارنىڭ يىگىتلەرگە، ئەتراپىدىكىلەرگە شۇنداقلا يولۇققان مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. قىزلارنىڭ كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىلمىي بولسا، ئۇ ئاياللىق، ئانىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندە جەلپكار ئايال، سۈيۈملۈك ئانا بولالايدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ مۇئامىلە سەنئىتىگە ئائىت ئىلمىي بايانلىرى، قىممەتلىك يەكۈنلىرىنى ئوقۇپ قانداق ياشىغاندا ئاندىن ھەقىقىي ئادىمىيلىك سۇپەت بىلەن ياشىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولۇش قىزلار ئۈچۈن ئورۇنداپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس.

  قىزلار ئاياللىق نازاكەت، پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇسا ياخشى. ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جەمئىيەتشۇناس، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجادىي ۋە تەرجىمە كىتابلىرى كۆپرەك نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. ئاياللار، ئانىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەزىرىيىۋى بىلىملەر، ساۋاتلار، ئۆز مەسئۇلىيىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان تەسىرلىك بايانلار ئاياللارغا ئائىت كىتابلار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى قىز–ئاياللارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇنداق كىتابلارنى ئاياللار، قىزلار ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم قىزلىرىمىز: ‹‹ مەن تېخى ئايال، ئانا بولمىغاندىكىن بۇنداق كىتابلارنى ھازىرچە ئوقۇمىساممۇ بولىدۇ›› دەپ قاراپ ئانا، ئايال بولۇش ئالدىدىكى تەييارلىققا سەل قارىماقتا. بىزدە ‹‹سۇ كەلگۈچە توغان سال›› دەيدىغان گەپ بار. قىزلار بولۇپمۇ توي قىلىش يېشىدىكى قىزلار بۇ جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېيىنكى كۈندىكى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويسا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدۇ.

  قىزلار ساغلاملىققا ئائىت كىتابلارنى كۆرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. بىر ئائىلىدە بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقسا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر پاراكەندە بولىدۇ. كېسەللىك تۇپەيلى بىر ئائىلە كىشىلىرى نۇرغۇن روھىي ۋە ماددىي زىيانغا ئۇچرايدۇ. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېنىقىشقا، ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. يەڭگىل دەرىجىدىكى كېسەللىكلەرنى ئۆزى داۋالاشنى ئۆگىنىش بۈگۈنكى دەۋىردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئاياللار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يادرولۇق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىدە ئائىلە دوختۇرى بولۇپ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىنى قانداق ئاسراش ۋە كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇشقا ئائىت ئادەت ۋە قاراشلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شۇڭا قىزلار ھازىردىن باشلاپ ساغلاملىق ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئائىت بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگىلىسە كەلگۈسىدە ئائىلىنىڭ بەختىگە ئۇل سالغان بولىدۇ.

  قىزلار يۇقىرىقى كىتابلاردىن سىرت كەسپىي كىتابلار، ھۈنەر–سەنئەت ، گۇزەللىككە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى. قىزلارنىڭ ئىگىلەيدىغان بىلىمى قانچىكى كۆپ، يېتىلدۈرگەن ساپاسى قانچىكى يۇقىرى بولسا ئۇلار تەربىيىلىگەن ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹كىتاب مىللەتنىڭ مەنىۋى دەرياسى›› دەپ توغرا ئېيتقان. كىتابخانا بىر دەريا. بۇ دەرياغا تۇرلۈك –تۈرلۈك ئېقىنلار قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ دەرياغا چۈمۈلۈش، ئۇنىڭدىن جاۋاھىراتلارنى سۇزۇش ئىنسان تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان قىزلار كىتاب دەرياسىغا چۈمۈلسە، چوڭقۇر قاتلاملىرىغا غەۋۋاسلار كەبى شۇڭغۇسا ئۇنىڭ مەنپەئىتىنى كۆرەلەيدۇ. قىزلارنىڭ بۈگۈن كىتاب دەرياسىغا چۈمۈلسە ئەتىكى ئانىلىق سەپىرىگە ئۆتۈشكە كۆۋرۈك سالغانلىقىدۇر. قىزلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى قانداقتۇر كىتابىي بىلىملەرنى ئىگىلەشكە بېرىلىپ ئەمەلىي بىلىملەرگە سەل قارىغانلىق بولۇپ ھېسابلانماستىن بەلكى كىتابىي بىلىملەر ئارقىلىق كۆز قارىشى، روھىي دۇنياسىنى يېڭىلاپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى روياپقا چىقىرىش ھېسابلىنىدۇ. كىتاب قىزلارنى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان قورال. قىزلاردا ھازىردىن تارتىپ كىتاب ئوقۇش ئېڭى يېتىلسە، ئائىلە كىتابخانىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلسا، كەلگۈسىدە تۇرمۇش قۇرۇپ ئانا بولغاندا ئۇنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن پەرزەنتلىرىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، بىلىم ئىگىلەشكە ھېرىسمەن بولىدۇ. بۈگۈنكى كىتابقا ئامراق قىزلار ئەتىكى كىتابخۇمار، مەسئۇلىيەتچان، ۋاپادار سۈيۈملۈك ئانىلاردۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر