- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسى تالاغا قارايدۇ
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:50 مەنبە: خەلق تورى
كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسى
تالاغا قارايدۇ
كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسىدىن تالاغا قاراپ بىر قىزنى كۆردۈم،
قاشلىرى بەرگى قىياق
كۆزلىرى ئويناق بۇلاق.
لەۋلىرى مەي كاسەسى،
مەڭزىدە بىر جۈپ زىناق...
ئويلىدىم؛
ئېتىكىنى قايرىغان شامال مەن بولسامچۇ
پۇتىغا پۇتلاشقان تاش مەن بولسامچۇ
مەن بولسامچۇ
ئۇ نازۇك قەددىنى ئېگىپ يەردىن ئالغان
بىر تال ياپراق...
...
زىبا تېنىنىڭ ئىچكىرىسىدە
كەتسەم ئېزىپ،
ئاتىلار ئىكىن يەرلەردە كەتمەن چېپىۋاتقان
ئانىلار ئىتىكىدە بالا بېقىۋاتقان
ئىتلار قاۋاۋاتقان
قويلار مەرەۋاتقان
ئېشەكلەر ھاڭراۋاتقان،
سەلتەنەتلەر
غەزەب- نەپرەتلەر
سانسىز جەسسەدلەر
ئورنىدىن تۇرۇۋاتقان،
ئالەم
دەم كۆمتۈرۈلۈپ
دەم ئۆرە بولۇۋاتقان
زىبا تېنىنىڭ ئىچكىرىسىدە...
ئاھ!...
دادىسى ئېلىپ كەتتى ئۇ قىزنى
ھىچكىم بىلمەيدىغان يەرگە.
بېرىش ئۈچۈن
مەن بىلمەيدىغان ئەرگە.
مېنى شېئىر يازالماس قىلىۋەتتى
ئۇنىڭ كېتەر چاغدىكى ئاخىرقى رەت قايرىلىپ قارىشى...
قىزنىڭ قارىسى يېتتى
كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسىىنى ياپتىم.
2008- يىلى 27- ئاۋغۇسىت. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر