باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قاشتېشى بازىرى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


بىر تاشنىڭ سالۋا تەلپىكى
بىر تاشنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان كىرپىكى
بىر تاشنىڭ ئېچىلىپ قالغان تۈكلۈك مەيدىسى
بىر تاشنىڭ
قىلىچ ئوينىتىپ تۇرغان سۈزۈك ھەيۋىسى...
مېنى ئالاقزادە قىلىۋەتتىى

مۇڭدىشىپ ئولتۇرار ئىككى تاش
ئىككىىلسى قەلەمقاش

بىر تاش ناتونۇش ھايۋان
بىر تاش مۇساپىر ھەيكەل سىياقىغا كېرىۋالغان.
بىر تاش
خوتەن شىۋىسىدە گېپىنى ئۇقتۇرالماي ئۇلارغا
غەزەبلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇۋالغان.
خىيال سۈرۈۋاتقان بىر تاش
كۆزلىرىدە لىق ياش...

بىر تاش دىققىتىمنى تارىتتى؛
سوزۇلۇپ ئوڭدا ياتاتتى.
يالىڭاچ، يالىڭاچ...
يالىڭاچلىقى جانغا پاتاتتى.
سۇ، سۇ...
سۈزۈكلىكى بىردەم توختىمايىتتى.
نازۇك ېېرى چۆچۈرىدەك تۈگۈلۈپ
بىر قىزغا ئۆزگۈرۈپ
بىر قارىسام كۈلەتتى
بىر قارىسام يىغلايىتتى.
ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئەقلىمدىن ئېزىپ
شېئىرغا كىرىپ
ئىزلەۋاتقان مەشۇقۇمغا بەكمۇ ئوخشايىتتى.

دېدى ئۇ؛ ئەي تاش
نىچۈن كۆزۈڭ ياش؟
مۇھەببەتنىڭ باھاسى يوق
بىر پۇلغا يارىمايدۇ.
ئۆزى كېلىدۇ،
ئىزدىسەڭ تېپىلمايدۇ.
قاشتىشى تاش ئەمەس
سۈزۈك ھەۋەس.
ئۆزۈمنى ساتىمەن
كۆڭلۈمنى ئەمەس...

دېدىم؛ سۇ
كۆڭۈل شۇ.
تاش ھەققىدە قوشاق قاتتىم،
تاشنىڭ ئىشىكىنى ئاچالمىدىم.
دەريا بويىغا باردىم تالاي
لىكىن سېنى تاپالمىدىم.
نىھايەت؛
يوقالغاندا ئۆلۈمدىن ھىكمەت
ياشاشمۇ بىر جىنايەت.
سۇغۇرۇلغاندا يۈرەكتىن خەنجەر
سۆيۈشمۇ بىر خىيانەت...
ئەمدى يەنە قوشاق قېتىپ نىمە قىلاي
مەنمۇ ئۆزۈمنى ساتاي
ئۆزۈمنى ساتاي!
ئۆزۈمنى... ساتىمەن...
بازاردىكى تاشلار پاراقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى
كىمدۇ بېرى قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ ئۆتۈپ كەتتى؛
ھەي ساراڭ تاش،
بۇ بازاردا
قاپاق ئەمەس باراڭ تاش!

2008- يىل 27- فىۋرال. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر