باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بارغانسىرى يىقىنلاپ قالدىم

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بارغانسىرى يىقىنلاپ قالدىم
ناۋاكەش قۇشلار گۈلىستانىغا.
قارا تۇپراقتىن بىر سىقىم ئالدىم
چاقنار قۇمدىن بىر چىمدىم ئالدىم
كىشنەر ئاتقا مېنىپ يول ئالدىم
روھىمنىڭ گۈل ئېچىلغان زېمىستانىغا.

بوۋاقلار يىغلاپ- يىغلاپ قىرىپ كەتتى
خورازلار چىللاپ- چىللاپ جىن بوپ كەتتى
تورغايلار سايراپ- سايراپ تاش بوپ كەتتى...
تۆگە تاپىنىدىكى كۆلدە يۇيۇندۇم
بوران بارماقلىرىدا تاراندىم
مازار تۈنلىرىدە قىرىق چىلتەنلىرىم
ئەرۋاھ ئوتلىرىغا قاقلاندىم.
يىرتىلغان پەلەكنى داپ قىلىپ چېلىپ
بارغانسىرى يىقىنلاپ قالدىم.

قاتىل ئۆلتۈرىدۇ ئۆلمەي دەپ
ئوغرى ئوغرىلىق قىلىدۇ ئۆلمەي دەپ
توشقان قاچىدۇ ئۆلمەي دەپ
ئوۋچى قوغلايدۇ ئۆلمەي دەپ
پادىشاھ ئۇرۇش قىلىدۇ ئۆلمەي دەپ
خەلق ئىسيان كۆتۈرىدۇ ئۆلمەي دەپ...
ھەممىنىڭ نىيىتى بىر
بولغاندەك قۇياش بىر ھەمدە خۇدا بىر.

بەدىنىمدە نۇرغۇن بايلىقلىرىم بار
مەدەنلەر تولۇپ ياتار ئىچى- تېشىمغا
قوچقار ئۈسسۈشتۈرگەن يەرگە بارمايمەن
بەدىنىگە گۈل چەكتۈرگەن ئايالنى سۆيمەيمەن
ئەركىنلىكنىڭ پۇت- قوللىرىمنى چىرمىۋىلىشىغا كۆنمەيمەن
نازلارنىڭ يېلىكىمنى قۇرۇتىشىغا يول قويمايمەن.
مەن بىر قاتىل
تولۇپ كەتتى سانسىز جەسەد ۋۇجۇدۇمنىڭ مازارلىقىغا.
ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ھوزۇرلۇق پەيتىدە
دال بولالماس ماڭا ھەتتا مىڭ پۇتاقلىق لوگىكا.
كوچىلار مېڭىپ ئۆتەر مەندىن ھەر كۈنى
مارار قىزىل تاۋۇتلاردىن ھىجىيىپ تۇرغان باش سۆڭەكلىرى
ياشاۋىرىشنىڭ زىرىكىشلىك دۇمبىقىنى چالار يەكشەنبە
نان ھاشىرىغا سۈيلەپ كېلەر دۈشەنبە
خۇشاللىق بوغۇزلانغان قىزىل تاجىلىق گۈلدار خوراز
ھەسرەت ساھىلىمغا ئەجدىھالار تۇرار ئوت پۈركۈپ
قۇمۇش نېيىمنى چېلىپ بەرسەم باياۋاننىڭ تەنھالىقىغا
ئەسلەپ توغراقلار سەلتەنەتلىك كۈنلەرنى
ھاياجانلىنىپ چۈشسە ئۇسسۇلغا
توغراق شېخىدىكى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ساپايى
باش سوڭەكلىرى سوقۇلغاندەك شاراقلاپ- شاراقلاپ جەز قايتۇرسا «ياھۇ»غا
«ئەنەلھەق- مېنەلھەق» دەپ توۋلاپ
تۇرماي نىچۈن ئورنۇمدىن
چىقماي نىچۈن غارىمدىن...

قۇياش تۇتۇلغانسىرى روھىم ئاقىرىپ
كىيىمىم پۈتۈن بولغانسىرى كۆڭلۈم يىرتىلىپ
قاچقانسىرى كۆڭلۈم ئىنتىلىپ
بارغانسىرى يىقىنلاپ قالدىم.

2002- يىلى سىنتەبىر. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر