باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يارىمنىڭ ئىككى تال توم ئۆرۈم چېچى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يارىمنىڭ ئىككى تال توم ئۆرۈم چېچى
مۇھەببەت دارىنىڭ ئىككى تۈۋرۈكى.
جان تەسلىم قىلىمەن ئېسىلىپ ئاڭا
قۇش ئالتۇن قەپەزنى چاققان شۇ كۈنى.

ساقلايمەن مىڭ جاننى بىر جان ئىچىدە
ساقلايمەن سۆيگۈمنى ھېجران ئىچىدە.
ئاھ ئۇرۇپ شاھانە ئايۋان ئىچىدە
ساقلايمەن ئەركىمنى زىندان ئىچىدە.

ئاۋازىم مەنزىلنى يۈرىدۇ ئىزدەپ
چۆلدىكى يوقالغان كارۋان ئىچىدە.
قولۇمنى سوزىمەن ھەقكە، رەھىمگە
ئۆزۈمنى ھەريان ئۇرۇپ قۇرئان ئىچىدە.

گۈلخاننىڭ ئىچىدە تىترەيمەن دىر- دىر،
ساقلايمەن ئىزىمنى بارخان ئىچىدە.
بىر تامچە قېىنمدىن بولۇپ مەن ئۆرە
ساقلايمەن يارىمنى ئىمان ئىچىدە.

ئېسىلىپ ئۆلىمەن سۆيگۈ دارىغا
قۇش ئالتۇن قەپەزنى چاققان شۇ كۈنى.
كۈندۈزى بوينۇمدا، كۈندۈز ئويۇمدا
يارىمنىڭ ئىككى تال توم ئۆرۈم چېچى.

2001- يىل سىنتەبىر. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر