- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:19 مەنبە: خەلق تورى
1
كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر،
كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر.
ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى
مۇزلاپ كەتكەن گۈلخانىمنى كۆر.
ناماز ئوقار جېنىم تېنىمدە
ئىمان ئىيتقان شەيتانىمنى كۆر.
قايتار ھەممە ھەقكە، رەھىمگە
قايتىۋاتقان جەريانىمنى كۆر.
2
بىنالارنىڭ قوسىقى ئاچتى،
ئۇسساپ كەتتى كوچا- رەستىلەر.
قوللىرىنى سوزار گۇناھقا
يۈرەكتىكى گۈللەر، كەشتىلەر.
ھۇررا توۋلاپ ئۆتەر كۆلەڭگە
ئەگەشتۈرۈپ جىنلارنى پات- پات.
ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى،
ساۋاتسىز بوپ قالدى ئىتىقاد.
3
ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ
كۈنگە قاراپ قالدىم نائىلاج.
گۈلگە قاراپ يارىمنى كۆردۈم
تاقىۋاپتۇ خازانلاردىن تاج.
داپتا بوران، تەمبوردا ئىسيان،
دۇتار چېلىپ قالدىم بالادا.
كىيىپ يىرتىق جەندە- كۇلاھنى
ناخشا ئىيتار كۆڭلۈم تالادا.
4
تۇرار جايىم بولمىسا مېنىڭ
بارار جايىم باردۇر ئەلۋەتتە.
ياشار جايىم بولمىسا مېنىڭ
ئۆلەر جايىم باردۇر خىلۋەتتە.
ياماشقاندەك ئايغا مەجنۇنتال
يامىشارمەن يارغا يا دارغا.
تاڭلا باھارىم بولمىسا مېنىڭ
قانداق دەسسەي گۇناھسىز قارغا؟!
2001- يىل ماي. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر