باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

... ئۆلدى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شام ئالدىدا پەرۋانە ئۆلدى،
نان ئالدىدا دىۋانە ئۆلدى.
ھەييام بىر ئۆمۈر ئىچمەي مەي- شاراب
جام ئالدىدا مەردانە ئۆلدى.

ئاشىق تۈنلەرگە سۆزلەپ يۈرمىسۇن،
ئاي ئوردىسىدا تىنەپ يۈرمىسۇن،
مەشۇقى دىلىدا، ئىزلەپ يۈرمىسۇن،
بۇلبۇل گۈل نازىغا ھەيرانە ئۆلدى.

يىڭنە قۇلىقىدىن ئۆتتى كارۋانلار،
ئۇستىخان، سوڭەكلەردىن قۇردى ئايۋانلار،
تەن قالدى، روھىنى كۆمدى بارخانلار،
ۋەتەنسىز ئۆز يېرىدە سەرسانە ئۆلدى.

تىرىكلىك- پۇرسەتتۇر، بىلمىدى، كۆچتى،
يورۇقلۇق- ھېكمەتتۇر، بىلمىدى، ئۆچتى،
ئەرك- جەننەتتۇر، بىلمىدى، يېتتى،
زەردارنىڭ قولىدا دۇردانە ئۆلدى.

زەئىپ نالىلەردىن قەبرە ئېچىلماس،
مەككىگە بارسىمۇ ئىمان تېپىلماس،
ئېگىلگەن باشقا قىلىچ چېپىلماس...
دېدى- دە ئۆلدى، ھامانە ئۆلدى.

1999- يىلى 10- يانۋار. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر