باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۇرپان ئاخشىمى

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تۇرقۇڭ تونۇش، بازارلىرىڭ ھەم،
كوچامدا ھۆر، كوچاڭدا سەنەم.
قۇچاقلاشتى كۆڭلۈڭ، كۆڭلۈمدە
قانداش شادلىق، قانداش دەرد-ئەلەم.
شېۋەڭدە قىلىچتەك كەسكىنلىك،
قەلبىمدە ئەتىگە تەسكىنلىك،
ئايلاندى مىليونېرغا كېچەڭدە قەلەم...

ئاخشىمىڭنى كۆزۈمگە سىزىپ
قوندى ئىزلىرىم يارغولغا قەدەر.
ئاپتىپىم ئاپتىپىڭغا بولغانچە زوقمەن
پۇرچاق سۇيۇق ئېشىدا پالۋانلاندى تەن
بالاغەت بەل، پۇتتا ئوينىدى لەپەر.
كىشمىشىڭ ياڭىقىمدا ئەشكەندە پىلىك
ئاق قوناق زاغرىسى تارتۇقلاپ يىلىك
ئەيلىدى كەپسىزلىك قېنىمغا سەپەر...

ياندىكى كوچىدا كونا بىر تارچۇق
قارا كەچمىشىڭگە كوچىلاپ يانچۇق
كۆز يېشىمغا بەردى تونۇشلۇق
ئابدۇخالىق جان تاپشۇرغان يەر.
تەڭلىك تىپچەكلىگەن زامانەڭ ئارا
قالغان ئوت چاپچىغان قەلبىڭدە يارا
ئاپپاق تىلەكلەرگە ئامراقكەن دەردلەر...
بۈگۈنكى شائىرىڭ ئۆگزەڭدە ھۈكەر،
ھەئە، خاپىلىقلار ئەركەكتىن ئۈركەر...

ئەتەڭ ئەتەم بىلەن مۇڭداشقان مىنۇت
باقتىم دېرىزىدىن كۆكۈڭگە ئۇزاق.
قوندى ئويلىرىمغا يۇلتۇزلار بىر-بىر
«ئاچىل»نىڭ⑤ مىسراسىدەك ئۇۋاق ۋە ئۇۋاق...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر