باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۇ بېشى قەدىمىي شەھىرى

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تاغ باغرىنى قۇچاقلاپ
سۇباش خارابىسى كېلەدەك ياتار،
قىش-ياز، كۈن-تۈن يىمىكى ئاپتاپ.
شېغىل، سېغىز ئېقىن قىنىدا،
پۇچۇق كوزىلاردىن مۇسەللەس چاقناپ.

كوچىلار، دۇكانلار، ئوردىلار توزۇپ،
قاپتۇ ئاسايىشتىن قالدۇق قاخشال تام.
بەلكىم سۇ باسقاندۇر ۋە بەلكىم ياغى،
ئۇ خىرامان كۆتۈرگەندە جام.

تالاي سۇلالىنى ئۇزاتقان تۇردىن
مۇتەھەم جېدەللەر تۇرار سىمىلداپ.
زەپەر داستانىنى ئويلاپ
توخرىچە پۈتۈكلەرنى بويلاپ
كۆزۈم قىشلىغاندا ساۋاقتا
بوۋام مەست ياتاتتى مامۇق قۇچاقتا
ئىچىمدە بىر يېزىق كەتتى قىمىلداپ...

ئۇ كۈسەننىڭ قانىتى بەلكىم،
ئۇچقان ئاسىيادىن پەرۋازى بىلەن.
كىمنىڭدۇر قىزارتقان كۆزىنى
ئېرىقىدا ئالتۇن ئاققان تەننازى بىلەن.

سۇباش خارابىسى
قەدىمي كۈسەننىڭ چۈشىنى ساقلاپ
بىزگە بىر نېمە دەر چىرايى سېرىق.
قالدىم مىڭ ئۆيدىكى رەسىمدەك قېتىپ،
كۆڭلۈم ــ قۇرۇپ قالغان كۆلدىكى بېلىق.

ھەقىقەتنى يېيىپ يولۇمغا
چۆل-دەشت تېرىپ ئوڭ ۋە سولۇمغا
كەتتى دەريا تامان كىچىك بىر ئېرىق...
2013-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، كۇچا

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر