باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

خوتەندە بىر ھاجىم

ــ خوتەندە «ئىزدىنىش-ئىنساپ كىتابخانىسى» ئاچقان تۇرسۇن توختى ھاجىمغا بېغىشلاپ

2014.10.28 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بېشىدا سەللە، پۇتىدا مەسە،
قولىدا تەسۋىي، ئۇچىسىدا تون...
ئاغزىدا دۇرۇت، ساقىلى ئاپپاق،
دۇئاسى پىنھان، ئۇزۇندىن ئۇزۇن...

چىش كاۋاكلىرىدىن ئاغزىنى ئاچسا
تۆكۈلەر مەھشەر، تۆكۈلەر ئۆلۈم.
بۈگۈن نېمە كۆرسەڭ تەقدىردىن دەپ بىل
ئىگەمنىڭ ئەمرىسىز تەۋرىمەيدۇ قىل...
سۆھبىتىدە سەۋر-شۈكۈرگە مىخلاپ
ماڭار كاللىلارغا ئاخىرەت لىقلاپ
ئويلاردا سويلايدۇ قورقۇنچ، ھۈم-ھۈم...

مەن كۆرگەن بىر پۈتۈكتە دەپتۇ
ھاجىملارنى شۇنداق بۇرۇندا.
بىر ھاجىمنى كۆردۈم ئۇدۇندا
قولى رولدا، كۆزلىرى يولدا
ئۇنىڭچۈن مۇنچىدۇر يانچۇقتىكى پۇل
چاپار ساخاۋەتكە ئەس-يادى ئۇدۇل
غېمى ئەتىدىكى بەگدە-بوغۇندا...

دىلىدا قاناغلىق كەتمىش كۈلپىتى
ئويىدا غۇۋا بىر كەلمىش سۈرىتى
مەسجىدلا ئەمەستۇر كىرىدىغىنى.
كېلەچەكمۇ كىرەر كۆڭۈل كۆزىگە
بېقىپ ئۆزگىلەرگە، بىردە ئۆزىگە
قاراپ ستولبىنى غىردىغانلارغا
دەيدۇ نادانلىقكەن قىرىدىغىنى...

نامراتلىق ــ جىنايەت بۇ بىر ھەقىقەت،
پۇلدارلىقمۇ ئەمەس ئۇ قەدەر ئۇلۇغ.
پۇل تېپىش بىر ئەقىل، خەجلەش بىر ھۈنەر،
ھۈنەردىن ساۋاب ئۈنەر، كېلەچەك ئۈنەر،
ئىلىمگە سالغۇلۇق ئىشىقنى تولۇق...

كاللىسىدا ئاشۇ خىيال ئەگىگەچ،
شۇ خىيالدا كۆڭلى ھەردەم سەگىگەچ،
ئىشرەتكە تېگىشسە بىراۋ مېلىنى
بۇ ھاجىم ئىلىمگە چىگىپ بېلىنى
قاششاقلىققا ئېچىغلىق جەڭنى ئەرتە-كەچ.

ئەمەس سىلىغىنى نازىنىن، لەببەي،
يۇرتىنىڭ ئاجىزلىرى ــ ئامەتكە ئۆگەي.
تىلىگەنگىلا قانماس ئۇسسۇزلۇق
كۈن چۈشمەي ئەگىزگە يول بەرمەس مۇزلۇق
ماڭماس يۇم-يۇم سۆزنىڭ كەينىدىن تەلەي.
تارىختا سۈرەت تولا بىزلەرگە مىراس
مەرىپەتسىز ئەلدە بالمۇ زەھەر-ناس
ئىخلاس چاللىشىدۇ روھ كۆرسە قاقاس
دىل كۈلمەس ئەل ئۈچۈن خۇراملىق بەرمەي.

بىزگىمۇ يارىشار دۇنيا خۇۋلۇقى،
ئۆزىنى سۆيمىگەن سۆيۈلۈشتىن يات،
نېچۈن تەسكەيدىلا بولار شەمشاتلىق؟
يىغىپ ئاقىللارنى ئۆپ-چۆرىسىگە
تۇتقۇزۇپ ھەر جۈملىگە يېڭى بىر ئىگە
ساۋاب دېگەن سۆزنى قىلدى ساۋاتلىق.

ياسىۋالغىلى بولسا ھاجىم دېگەننى
مۇشۇنداق ھاجىمنى قىلساقتى مودېل
دېدى بايا بىرى چاكىلدىتىپ تىل
ئويۇم تۇرۇپ قالدى شۇ سۆزدە توختاپ.
تەكچىسىدە كىتاب تىزىقلىق قاتار،
بىلسە كىتاب ئەمەس، ئەقىلنى ساتار،
جىقراق ئوقۇسۇن دەپ ئاش بېرىپ مۇتقا
سالدى باشقا مەبلەغ، بىراۋلار پۇتقا...
مەن بىر روھنى، مېنى بىر روھ مالتىلاپ
ئادەم دېگەن خەتكە تىكىپ بىر غىلاپ،
قالدىم كىملىكىمنى باشقىدىن سىلاپ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر