باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئەمدى كۆڭلىڭىز ئارام تاپتىمۇ؟

ماقالە

2014.08.11 11:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرمۇش گويا بىر دېڭىز،بۇ رەڭدار دۇنيانىڭ كارتىنىللىرىنى باغرىغا تاڭغان ھەرقانداق ئادەم بۇ دېڭىزسىز مېھرى- مۇھەببەت تاپالمايدۇ.

  مەلۇم بىر يېزىدىكى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن، چىرايلىق، ئەخلاقتا خېلى- خېلى قىزلار قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغان دېھقان قىزى يولۇققان پاجىئەلىك تەقدىر ئادەمنىڭ نەپىرىتىنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ.

  ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش، پايدىلىق پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نامىراتلىقنى تۈگىتىش چاقىرىقى بويىچە كېۋەز تەرگىلى چىقىپ خوشنا يېزىلىق ئاقكۆڭۈل، مۇلايىم يىگىت بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئۈندۈرۈشكە كۆزى يەتكەن ئەقىللىق قىز ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل، شېرىن مىنۇتلىرىنى قەدىرلەشكە باشلايدۇ. نەچچە ئايلىق كۆڭۈللۈك تۇرمۇش بىر جۇپ ياشنى ئايرىلالمايدىغان ئۆمۈرلۈك ئاشق- مەشۇقلارغا ئايلاندۇرىدۇ. كۆپنى كۆرگەن تەجرىبىلىك ئاتا-ئانا ئوغلىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ قىزنىڭ ئائىلىسىگە ئەلچىلىككە ئادەم ئەۋەتىدۇ. قىزنىڭ ھەممىگە ئۆزىنىڭكىنى راسىت، دەپ قارايدىغان، سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتكۈچىلەرنى كەچۈرمەيدىغان دادىسى ئالدى-كەينىنى ئويلانماستىنلا ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. چىن مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىز كۈچى ئالدىدا قىزنىڭ چىرايى سارغىيىپ يىگىتنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدۇ. قانداق قىلىش كىرەك؟! ئويلىنىش ئۇلارنى سىناپ رىشتىنى چەمبەرچاس باغلايدۇ.ئۇلار ئۆز بەختى ئۈچۈن تەۋەككۇلچىلىك يولىنى تاللاپ قاچىدۇ. نېرۋىسى غىدىقلانغان، جامائەت ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ باش كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئامالسىز قالغاندەك تەسىراتقا كېلىپ قالغان دادا يىگىت تەرەپتىن نۇرۇغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن ناماقۇللۇققا كەلگۈچىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ، جاھاندا بىر ئۆزىلا ياشايدىغاندەك، دۇنيادا بىر قىزىلا باردەك سىلكىنىپ تويلۇققا 20 مىڭ يۈەن سالىدۇ، يىگىت تەرەپ ئېغىر تويلۇق، ئۆمرىدە ئۇچرىمىغان قوپال مۇئامىلىگە پەرۋا قىلماي پەرىشتىدەك قىزىنى كېلىن قىلىۋالغىنىغا چەكسىز خوش بولۇپ پۇل تاپشۇرىدۇ. قىزنىڭ دادىسى ئەپچىل تاكتىكا قوللىنىپ بازار باھاسىنىڭ يوقۇرىلىقىنى باھانە قىلىپ يەنە 10 مىڭ يۈەن قوشۇپ بېرىشنى، بولمىسا تويغا رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. كۆزلىرىدىن بەخىت، روھىيىتىدىن يېڭىلمەس جاسارەت چىقىپ تۇرغان مېرىبان ئاتا-ئانا شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. ۋىسال شارابى يىگىت ئائىلىسىگە تەسۋىرلىگۈسىز ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. كوت- كوتلار نەزىرىدىكى ئالتۇن كاكىلايدىغان كېلىن شۇنداق سۆيۈملۈك، يېقىشلىقى بىلەن يېڭى مۇھىتتا خۇشال ياشايدۇ... كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشۇپ تېز ئۆتىدۇ. كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە ساقلىنىپ قالغان ئاچچىق تۈگۈن قىزنىڭ دادىسىنى ئائىلىدىكى ھاكىممۇتلەققە ئايلاندۇرىدۇ.ئائىلە ئەزالىرى چىش يېرىپ چىڭراق گەپ قىلالمايدىغان، قىلدەك خاتالاشسىلا تىل، تاياق بىلەن قارىشى ئېلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىلگىرى توي قىلىپ تۈگىمەس ئازاب دەستىدىن روھىي كېسەل بولۇپ قالغان ئاچىسىمۇ تىنچ مۇھىتقا تەلمۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يېڭىلا كېلىن بولۇپ 18 يىللىق ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ياخشى مۇئامىلە، چىن سۆيگۈگە ئېرىشكەن قىز ئازنىلاپ بارغاندا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىچ ئاغىرىتىدىغان، دادىسى ئالىيىپ قاراپ تىللىسىمۇ، ئۇرسىمۇ قاچقان گۇناھى ئۈچۈن سىلكىنمەيدىغان بولدى. 30 كىلومېتىردەك مۇساپىنى بېسىپ ھەپتىدە 2-3 قېتىم يوقلاپ بارمىسا دادىسىنىڭ ئىزدەپ بېرىپ قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە يېتىۋېلىشلىرى، يوقلاپ بارسىلا تاياق، دەشنام بىلەن قارىشى ئېلىنىش كۆپەيگەنسېرى چىرايى بۆلەكچىلا بولىدىغان بولدى. ئېرىنىڭ شەھەر ئىچىدىن ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇش، ۋاقتىنچە كۆرۈنمىسە ياخشىلىنىپ قېلىش تەلىپىگە قوشۇلۇپ 2 قېتىم بۆلەك بولغاندا دادىسىنىڭ ئېشەك ھارۋىسى بىلەن ئېرىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ مالىمان قىلغان ھالدا كۈنلەپ كەتمەي يېتىۋېلىشلىرى ئازابىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ياتلىق بولغىلى 7 ئاي بولغان بۇ جەرياندا دادىسىنىڭ ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرۇۋېتىشى، 3 ئايلىق بولغان بالىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە قارىتا ئېرى غەزەبلەنسىمۇ، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى ئايىماي كۈچلۈك تەسەللىي بەرسىمۇ يەنىلا كۈنلىرىدە قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى. قىز ئۆتكەن ئاينىڭ پەيشەنبە كۈنى ئائىلىسىگە بارغاندا دادىسى «يۈزۈمنى نېمىشقا تۆكۈسەن؟ قاچقانغا تويە!» دەپ ھارغىچە ئۇرىدۇ. يېلىنىشلار كار قىلمايدۇ.

  ــــ بۈگۈن يا سەن ئۆلىسەن ياكى مەن ئۆلىمەن ئىتنىڭ بالىسى!

  ــــ مەن بولمىسام بولىدىغانلا ئىش بولسا مەنلا ئۆلەي دادا!

  قىز دادىسىغا ئازابلىق تىكىلدى. دادىسى چېكىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۈكۈرگەن ھالدا چىقىپ كەتتى. ئېغىز-بۇرنى قانغا بۇيالغان قىز پاكىز بولۇپ، ئۇزۇن قارا چېچىنى تاراپ، ئېرى ئېلىپ بەرگەن ئەتلەس كىيىمىنى كىيدى-دە، دېرىزىدىن يورۇق جاھانغا تەلمۈرۈش ئىلكىدە قاراپ، كېسەلچان ئاچىسىنىڭ تۇتقاقلىق دورىسىنى، باش ئاغرىق توختىتىش دورىسنى، يۈز مېيى ۋە يۆتەل توختىتىش دورىسىنى تېپىپ بىراقلا ئىچىپ كارۋاتتا ياتتى...

  يۈرىكى ئېغىپ قاپىقى توختىماي تارتقان ئېرى ناھىيىلىك دوختۇخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ئايالىنى قۇچاقلاپ زار-زار يىغلىدى. يېنىدا بار 2000 يۈەننى دوختۇرغا تاپشۇرۇپ خازان بولۇش ئالدىدا تۇرغان مۇھەببىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۇل راسلىغىلى كەتتى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سەكراتتىكى قىز شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى. تەجرىبىلىك دوختۇرلار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ 30 سائەت جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىن، قىزنىڭ دادىسىغا قان سالسا ساقىيىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتقاندا باغرى تاش دادا قان سېلىشقا قوشۇلمايدۇ. دەرتمەن يىگىت تاپشۇرغان پۇل تۈگىگەن، يۇرتىغا پۇل تەييارلاش ئۈچۈن كەتكەندە دوختۇرلار پۇل تاپشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغاندا دادىسى «مەندە پۇل يوق» دەپ تۇرىۋالىدۇ.ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دورا ئىچىپ كەلمەس دۇنياغا سەپەرگە ماڭغان، 50 سائەت جان تالاشقان قىز داۋالاش توختىغان ئەھۋالدا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمىدۇ...

  بۇ تراگېدىيە يۈز بەرگىلى ئۇزاق بولمىدى، تۇرمۇشىمىزدا ئائىلە زوراۋانلىقى دەستىدىن خانۇ- ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئائىلىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. قارىشى تەرەپنى نامرات كۆرۈپ قىزىنى بەرمەيدىغان ياكى نامرات ئائىلە قىزىنى ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەيدىغان، ئۆزىنى كەمبەغەل كۆرۈپ ئېسىلىپ قېلىشنى باھانىداپ توينى رەت قىلىدىغان، تويلۇقنى كۆپ سېلىپ ئۆزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ قىينايدىغان، شۆھرەت قوغلىشىدىغان، نەۋرىنى نەۋرىگە مەجبۇرىي چېتىپ گاس-گاچا، مېيىپ تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنى كۆرگەندە نالە قىلىدىغان، پاكت تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرسىمۇ چۆچۈشمەي تۇغقانلار ئارا تويلىشىشنى قولدىن بەرمەيدىغان، بايلىقنى كۆز- كۆز قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار جەمئىيتىمىزدە ساماندەك. بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتىمىز ئۈچۈن توغىرا يولدا ئازراق قۇربان بەرسەك، يۈز-ئابرويغا زىيادە ئېسىلىۋالمىساق، بەختنى پۇل ۋە شۆھرەت سودىسىغا ئايلاندۇرۇۋالمىساق، ئاددىي-ساددىلىقنى، ئۆرپ-ئادەتنى توينىڭ يارىشىقى قىلساق، ئوشۇق پۇلىمىزنى مائارىپ، ساۋابلىق ئىشلارغا ئاتىساق ھەر ۋاقت چىرايىمىز نۇرلىنىپ قەلبىمىز گۈزەللىككە تولىدۇ. ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىنى ھاقارەتلەش، ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇش ئادىمىيلىككە ياتمايدۇ. ياخشى كۆرۈش بىلەن ۋىسالىغا يېتىپ ياشلىق باھارىنى ئاتا زۇلىمىدا توزۇتۇش بىلەن دەرتمەن قىز ياخشى يولدىكى مېھرىبانلارغا ئازابنى باقىۋەندە قىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. «ئېشەك ھارۋىسى بىلەن ئەمدى نەگە بارىمەن؟» دەپ يىغلىغان دادا قېنى ئېيتىڭچۇ، ئەمدى كۆڭلىڭىز ئارام تاپتىمۇ!؟...

  ئاپتور بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيە پەيزاۋات باش مەيدان 8-روتادا

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر