- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئايەم ساڭا ئايەم، ماڭا ئايەم
2014.08.08 11:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئايەم ساڭا ئايەم، ماڭا ئايەم جىمى ئەل – يۇرت ئارا ئايەم،
راسا ئوينايلى – ئوينايلى سېلىپ ھەريان ساما ئايەم.
قوبۇل ئەيلەپ سالامىمنى ئەپۇ قىلغىن گۇناھىمنى،
كۆڭۈلنى ئىللىتىپ ئۆتسۇن بولۇپ ئاپتاپ لاۋا ئايەم.
قازاندا قاينىغان ئاشىم سېنىڭدۇر كەل قېرىنداشىم،
ساڭا ئايەملىكىم بار، ئال، يوسۇن شۇنداق گۇۋاھ ئايەم.
ھەشەم لازىم ئەمەس بىزگە بولۇنسۇن پەتىلەر ئۆزگە،
كۈتەي دۇتار، ساتارىمدىن قىلىپ نەغمە – ناۋا ئايەم.
ئېلىپ كەلگەن ئاتاڭ بىرلە ئاناڭ ئوغلۇڭنى، نەۋرەڭنى،
ئۇلارسىز بولمىغان بىزگە ئەزەلدىن خاس راۋا ئايەم.
ۋەتەن، ئەل – يۇرتقا ئايەمدىن ئىناق – ئۆملۈك ئىجىللىق بار،
داۋام ئەيلە ئۈزۈلمەستىن ياشا ئايەم، ياشا ئايەم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر