باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مۇھەببەت

ئەزىزى

2014.04.24 10:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


- ھ. تاقتاش ئىزىدىن

ھۇشسىز ياتىمەن
گىياھ ئۈنمىگەن چۆلدە،
كىيىك كۆنمىگەن چۆلدە،
كەپ قالغاننى بىلمەيمەن
بۇ يەرگە قانداق.
سۇ بولسىدى دەيمەن،
پەقەت بىر تېمىم،
پەقەت بىر تېمىم،
ئۈمىدىمچە قالار بۇ بىراق.
چۆلدە ئوت يانار،
چۆل ئوتتا يانار.
قۇياشمۇ مېنىلا قىزدۇرار،
مەن ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك.
مەن تامانلا قارىتىلغاندەك.

ئەي كىتابخان سىزمۇ بىلسىز،
ھايات بەزەن قاتتىق تۇيۇلار.
بىراق ئۆلۈمنى ئويلىساڭ،
ئۇ يەنە تاتلىق تۇيۇلار!
1
ئايلار ئۆتىدۇ
يىللار ئۆتىدۇ
بوسۇغاڭنىڭ تۈۋىدە
سېنى شۇنداق بەخت كۈتىدۇ:
بىر تانسىدا كۆزۈڭ چۈشىدۇ،
سۇمبۇل چاچلىق،
شەھلا كۆزلىك بىر گۈزەلگە.
كىم بىلىدۇ،
بەلكىم
ئۇمۇ سېنى كۆرۈپ قالىدۇ،
سۆيۈپ قالىدۇ،
تىكىلىپ قاراپ قالىدۇ،
شۇ قاراشتا بەرگەندەك بەلگە.
بەزىلەر بۇنى
تەقدىر دەيدۇ،
ئىرادە دەيدۇ.
بەزىلەر دەيدۇ:
كىرگۈلۈك ئەمەس،
كۆڭۈل دېگەن ساراڭ كەينىگە.
ھەر بالاغا سالىدۇ سېنى،
قۇيۇپ بەرسەڭ ئۇنى مەيلىگە.
يەنە بەزىلەر
ئۆزى بىلگەنچە ھەر نېمە دەيدۇ.
پەقەت بىرلا گەپ:
ھەر كىم بېشىغا كەلمىسە بىلمەيدۇ.
شۇندىن باشلاپ
سېنىڭ قەلبىڭ قىزغا چىگىلىپ،
قىزنىڭ قەلبى ساڭا چىگىلىپ،
بىر بىرىڭدىن ئايرىلالمايسەن،
بىر كۈن گويايىل،دەك بىلىنىپ.
مۇھەببىتىڭ
خۇددى باراقسان باغ بولىدۇ.
ۋەدە گۈللىرى ياشناپ،
قەسەم چېچەكلىرى ئېچىلىپ،
ئارزۇ پۇراقلىرىغا تولىدۇ.
ياز ئەمەس،
ھەتتا قىشتىمۇ،
بەخت بۇلبۇللىرى خەندان ئۇرىدۇ.

مۇھەببەت
تولىمۇ مۇرەككەپ تۇيغۇ،
ئەمما باشلىنىشى ئاددىي بولىدۇ.
قايرىلىپ قاراشتىن،
قەلبىڭ جامىغا لەببالەپ،
جۇنۇنلۇق شارابى قۇيۇلىدۇ.
نېمە قىلغىنىڭنى،
نەدە تۇرغىنىڭنى،
نېمە بولغىنىڭنى بىلمەي قالىسەن.
بۇلار ساڭا
خۇددى چۈشتەك تۇيۇلىدۇ.
كېيىن بىلىسەن،
بۇلار سېنىڭ ھايات يولۇڭغا،
نەقىش بولۇپ ئۇيۇلىدۇ.
2
ئايلار ئۆتىدۇ،
يىللار ئۆتىدۇ،
بوسۇغاڭنىڭ تۈۋىدە
سېنى شۇنداق قىسمەت كۈتىدۇ:
سەن ئۇنى ھەر كۈنى،
ئۆستەڭ بويىدىكى قېرى سۆگەتنىڭ
تۈۋىدە ساقلايسەن.
ئەگەر كىچىكسە،
كىچىكتىڭ دەپ باتنايسەن.
كۈنلەردىن بىر كۈن
شۇ باتناشتىن ئىش تېرىلىدۇ.
سەن بىرنى دەيسەن، ئۇ بىرنى دەيدۇ،
ئاخىر
چىدامنىڭ قاچىسى يېرىلىدۇ.
ئۆزەڭگە بىلىنمەس،
ئاشۇ چاغدا نېمە دېگىنىڭ.
كېتىپ قالار،
كېتىپ قالار ياش تۆكۈپ،
سۇمبۇل چاچلىق گۈزىلىڭ.
ئۇنى دەيسەن،
بۇنى دەيسەن،
ئىزىغا چۈشمەس داغلانغان يۈرەك.
شۇنداق باشلىنىدۇ،
ئىككى يۈرەكتە بىر خىللا كۈيەك.
مۇھەببەت
ئەنە شۇنداق زىل بولىدۇ.
يىغلىغاندا باراقسان بىر گۈل،
سوزۇلغاندا قىل بولىدۇ.
ئۇنى بىخلاتقان،
ياشناتقان،
يوقاتقانمۇ تىل بولىدۇ.
شۇڭا كونىلار دەيدۇ:
سۆيدۈرگەنمۇ تىل.
بەزدۈرگەنمۇ تىل.

شۇنداق بولىدۇ،
بوسۇغاڭنىڭ تۈۋىدە
سېنى ھەرخىل قىسمەت كۈتىدۇ.
ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن بىر چاغ
سۇمبۇل چاچلىق شۇ گۈزەل،
بالا كۆتۈرۈپ ئۆتىدۇ.
سەن بىلىسەن،
ئۇ بالىنىڭ دادىسى باشقا.
سەنمۇ
بالىلىق بولىسەن،
ئۇ بالىنىڭ ئانىسى باشقا.
يەنە بىر چاغلاردا،
تار كوچىنىڭ ـــ
بىر بېشىدىن سەن كېلىسەن،
بىر بېشىدىن ئۇ كېلىدۇ،
كەپ قالغاندەك گوياكى قەستەن.
سەنمۇ
يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىسەن،
ئىچىڭدىلا پىچىرلاپ شۇنى:
سۆيگەنىدىم
بىر چاغلاردا مەن ئۇنى.
ئۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر،
ئۆز − ئۆزىگە شىۋىرلاپ شۇنى:
سۆيگەنىدىم
بىر چاغلاردا مەن مېنى.
3
ئايلار ئۆتىدۇ،
يىللار ئۆتىدۇ.
بوسۇغاڭنىڭ تۈۋىدە
سېنى ھەرخىل قىسمەت كۈتىدۇ.

تامغا يۆلۈنۈپ
بىر بوۋاي ئولتۇرار،
ئاپئاق چاچلىق بىر بوۋاي.
قوپاي دېسە قوپالماس،
ئەتراپقا قارار،
ھېچنەرسىنى پەرق قىلالماس،
ياشلىقىدا
كۆرىدىغاننى كۆرگەن ئۇ تالاي.

بوۋاينىڭمۇ بوۋايچە كۆڭلى،
ئەسلەيدۇ
سەبىي بالىلىقنى.
چاقماقتەك چېقىپ ئۆتكەن،
ئوتتەك ياشلىقىنى.
ئەمدى شۇلار بىلەن
بەزلەيدۇ قېرىلىقىنى.
شۇتاپ بوۋاينىڭ كۆز ئالدىغا
سۇمبۇل چاچلىق بىر گۈزەل كېلەر.
زوقلىنىپ ئۆز − ئۆزىگە بوۋاي،
ياشلىقىمدا مەن ئۇنى
سۆيگەنىدىم دەر.
شۇنداق بولىدۇ،
كەچمىشىڭ كۆپ كۆرگەن كۈنۈڭدىن،
ئەسلەپ − ئەسلەپ تۈگىتەلمەيسەن.
بەزىسىدىن شادلىنىپ،
بەزىسىدىن پۇشايمان يەيسەن.

ھايات ساڭا قىسقا تۇيۇلار،
شۇندىمۇ
كۆرگەن كۈنۈڭنى ئەسلىسەڭ،
ئەسىردىنمۇ ئۇزۇن تۇيۇلار،
ئەسىردىنمۇ.
بوۋاي كەچمىشىنى ئەسلەيدۇ،
ئەسلەپ − ئەسلەپ تۈگىتەلمەيدۇ.
بىلمەيدۇ
شۇ كەچۈرمىشلەرنى كەچۈرگەن،
باشقىسىمۇ ياكى ئۆزىمۇ.
يېنىدا يوق
سۇمبۇل چاچلىق،
شەھلا كۆزلۈك گۈزىلىمۇ.
4
ھايات چۈشكە ئوخشار،
چۈش ھاياتقا ئوخشىغاندەك.
ئادەمنى
گويا بىر قۇش دېسەك،
قول قاناتقا ئوخشىغاندەك.
بوۋاق كۆز ئاچار يورۇق دۇنياغا،
ئويغانغاندەك ئۇيقۇسىدىن.
گاھى كۆرەر راھەت − پاراغەت،
گاھى چىكەر جاپا − مۇشەققەت،
قېرىلىققا يەتكەندە
چىقىپ كېتەر كۆپى ئېسىدىن.
ئەمما ھەربىر يۈرەكتە
ساقلىنار مەڭگۈ،
ئۇنتۇلماس ئەبەت،
چۈشتەك غۇۋا،
تېپىشماقتەك سىرلىق مۇھەببەت.
سۆيۈپ قالىدۇ
كىملەردۇر كىمنى،
چۈش كۆرگەندەك كۆرۈپ تۇنجى رەت.
ئايرىلىپ قالىدۇ،
كىملەردۇر كىمدىن،
چۈشىدە ئايرىلىپ قالغاندەك،
چىكىپ دەرت − ھەسرەت.
شۇڭا دەيمەن:
ھايات چۈشتۇر −
چۈشتۇر مۇھەببەت.


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر