ئۇچۇپ كەلدى قۇشتەك بىر بالا
ئەزىزى
2014.04.24 10:33 مەنبە: خەلق تورى
ئا. ئۇيغۇر خاتىرىسىگە
تۈنلەر ئۇزۇن،
تۈنلەر قاراڭغۇ،
تۈن باغرىنى چەكتى بىر نىدا.
تاڭ ئاقاردى، تاڭنىڭ باغرىدىن
ئۇچۇپ كەلدى قۇشتەك بىر بالا.
»ئويغان» دېدى، ئويغاندى سۇلار،
»ئويغان» دېدى، ئويغاندى قۇشلار،
ئويغانمىدى ئەمما يۈرەكلەر.
مۇزدەك ئېغىر ئۇيۇغان غەپلەت،
مۇزدەك ئېغىر ئۇيۇغان زامان.
ئۇچۇپ كەتتى
غەپلەت ئارا ئۆرتەنگەن بىر قۇش،
يالقۇن بولۇپ، يالقۇنتاغ تامان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر