- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇنتۇلمايسەن، لوتپۇللاھ-لوتۇن ئاكا!
ناخشا تېكىستى
2014.03.18 13:38 مەنبە: خەلق تورى
(لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ توقسان يىللىقىنى خاتىرىلەپ)
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئەزەلدىن دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى،
بويىدا كۈرەشچان مەردلەر ئىزناسى.
لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كېلىدۇ باشتا،
تۆھپىكار ئەجدادنىڭ پەخىر بەرناسى.
شوئارى ئىدى ئۇنىڭ «ياشلىق- ئۆگەن»،
«ئىجاد» بىلەن يىللارغا جاۋاب بەرگەن.
«ۋەتەن- خەلقىم گۈللەنسە ئەل بىلەن تەڭ،
مېنىڭ گۈلۈم ئاندىن ئېچىلار» دېگەن.
رىقابەت قاينىغان كۈرەشچان زامان،
ئۆگىتەر شۇنداق بىر زاكوننى ھامان:
ئىقبالنى قۇچىدۇ، كۆكتە ئۇچىدۇ،
ئىلىم-پەن، مەرىپەت ساھىبى بولغان.
ئەبەتكە دولقۇنلار ئىلى دەرياسى،
بويىدا ئۆكسۈمەس چېلىش ساداسى.
ئىز باسقان ئەۋلادنىڭ قەلبىدە مەشئەل،
لوتپۇللاھ-جاسارەت، كۈرەش سىماسى،
نەقرات:
ئۇنتۇلمايسەن لوتپۇللاھ- لوتۇن ئاكا،
ئويغۇر قەلبى مەڭگۈلۈك مەپتۇن ساڭا!
2012 -يىل، 7- يانۋار، بېيجىڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر