باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئاپىرىن ساڭا، سايرامىي بوۋا!

ناخشا تېكىستى

2014.03.18 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

(ئالىم مۇسا سايرامىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 180يىللىقىغا بېغىشلاپ)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئاقسۇ دەپ بىر جاي بار ئۇيغۇر ئېلىدە،
تۇپرىقى زەپ مۇنبەت، ئەلۋەك ھاۋاسى.
ئىنسانى غەيرەتلىك، ئەمگەكچان بولغاچ،
ياڭرايدۇ ھەر زامان زەپەر ساداسى.

ئۆستۈردى ئۇ مىڭلاپ پەخىرلىك ئوغلان.
سەر خىلى ئۇلارنىڭ مۇسا سايرامىي.
تۆھپىسى زور بولغاچ، ئەسىرلەر بويى-
يادلىنىپ كەلمەكتە شەرەپشان نامى.
نەقرات:
ئاقىدۇ دولقۇنلاپ تارىم دەرياسى،
باقىدۇ تارىختىن مۇسا سايرامىي.


ئۇ يازغان ئۆمرىدە ئونلارچە كىتاب،
«تارىخى ھەمىدىي» شۇندىن بىر دانە.
تارىخنى بىلسۇن ۋە ئىقبال قۇچسۇن دەپ،
ئەۋلادقا دەرس بەرگەن ئېسىل دۇردانە.

«تارىخى ھەمىدىي» مۇسا سايرامىي ،
كۈيلىنەر قوشماق نام تىللاردا داستان.
تارىخنىڭ شەنىدىن بەرگەچكە بىلىم،
نۇرلىنىپ كەلمەكتە دىللاردا ئارمان.

نەقرات:
ئاپىرىن ساڭا ئەي، سايرامىي بوۋا،
خەلقىڭدىن ئۆكسۈمەس روھىڭغا دۇئا!

2013- يىل، 18- ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر