باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يالغۇز ئايال

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


يوپۇرماقلار تىنىمسىز تۆكۈلىدۇ تېرەكتىن،
ئاياقلىرى ئاستىدا نالە قىلار غازاڭلار.
ئاشىقلىقنىڭ ئەپسۇنى بوغۇلىدۇ ئۇنىدە،
ئىسەدەيدۇ رومالىن سۆيۇپ ئۆتكەن شاماللار.

ئىنتىلىدۇ قولىدىن يېتىلەشكە ئاۋازىم،
قويۇۋەتمەس شۇ قوللار ئەندىكتۈرەر پىراقتا.
قوۋزاقلارغا پاتىدۇ سوغۇق، نازۈك بارماقلار،
قۇچاقلايمەن،سۆيىمەن كەلگۈسىمدىن يىراقتا.

كۆزلىرىنى يۇمغانچە ھېس قىلىدۇ دۇنيانى،
چەكسىز سۆيگۈ ئاسمىنى قاپقاراڭغۇ ئەزەلدىن.
سانجىلىدۇ كۆكسىگە شېرىن چۈشلەر ،خىياللار،
كېلەر ئاتەش- ھارارەت بىز ئۇچراشقان بۇ يەردىن.

نالە قىلار تېرەكلەر ئۆرلىگەنچە پەلەككە،
ئېچىلغىنى راست ئەمەس تۆكۈلمەكتە ياپراقلار .
دولقۇنلارنىڭ مەۋجىدە شۇڭغۇپ ئۆتكەن قۇشلارنىڭ
تەنتەنىلىك ئۆلۈمى كۆتۈرۈلگەن قىقاسلار.

ئىشەنمەيدۇ سۆيگۈمگە، سۆيگۈم مېنىڭ پەقەتلا،
چىملىقلاردا جىلمايغان غۇنچىلاردەك يالغانچى.
سۆيگۈ سوراپ ئالدىغا كۈندە نەچچە بېرىشىم،
چۆچەكتىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىدەك ئالدامچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر