- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
باھار كەپتۇ
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
2013.11.01 10:35 مەنبە: خەلق تورى
ئاپئاق قارلار بارا-بارا
ئەگىز بولدى ئېتىز ئارا
كەپسىز پۇتۇم كوچىلاردا
يىتىشمەكتە بالىلارغا...
بىر رو چىۋىن پەنجىرىدە تىرىلمەكتە
... كۆتۈرۈلدى، قانات قاقتى، ئاستا-ئاستا...
باھار كەلدى
باھار كەلدى
غىڭشىپ-غىڭشىپ ئېيتار ناخشا...
كۆزلىرىدە ھايات ھىدى
يالتىرايدۇ قاناتلىرى
پارقىرايدۇ تۇمشۇقلىرى
پارقىرايدۇ ماياقلىرى
ئۇزۇن-ئۇزۇن بارماقلىرى...
چەكسىز دۇنيا
يېشىل ھايات
قارىچۇقىدا تۇرار چاقناپ
تىرىلدۈردى ئاپتاپ ئۇنى
غىڭشىپ ئېيتقان ناخشىسىنى
لەرزان ئۇسسۇل، پەرۋازىنى...
ئالتىنچى قەۋەت
نۇرلۇق دېرىزەم
ھەممىمىز بىنادىن سەكرەيلى
قوشۇلۇپ كېتەيلى قۇشلارغا
يامغۇرنىڭ بىر تامچىسىغا...
ھايات-ھايات
يۇقىرىدىن پەسكە...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر