باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سەھرا

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

توپىلارنى كېچىپ بارىمەن،
يارىم بىلەن چىققاندەك تاغقا.
ئايىغىمدىن كېلەر ئوتلۇق ھىد ،
ئاۋايلاپ دەسسەيمەن ھەر بىر شىۋاققا.

تەگدى كۆكرەككە نازۇك چوققىلار،
كىردى كۆكسۈمگە توساتتىن شادلىق.
ئەسكىلەردىن خالىي تۇپراقتا ،
ھاياجاندا تىنار ھاياتلىق.

قويچى بالىنىڭ قىيغىتىپ يۈرگەن،
قوزىسى بولدۇم قوينۇڭدا ئەركىن.
يىلان باغرى قۇچاقلىرىڭنى،
سۆيگەن ئاپتاپ مېنىڭ يۈرىكىم.

قۇچىقىڭدىن چىقتىم يېيىلىپ،
كۆيدى جىسمىم ئىشقى پىراقتا.
يېشىل چوغنى ئوتلار ساغلىقلار،
ئانام ھىدىن سەزدىم يىراقتا.

سۆيگۈ قانات بېرەر قۇشلارغا،
قانات قاقىدۇ تېرەكلەر ھەتتا.
كېپىنەكلەر پەرۋازى باردۇر،
كېپىنەكلەر قونغان شىۋاقتا.

سۇلار تالىشىپ ئېچەر سۇلارنى،
گۈللەر گۈللەردىن قىلىدۇ رەشىك.
ئاپتاپ ئېگىلىپ تىلەيدۇ سۆيگۈ،
«چۈمۈلە ئوردىسىچىلىك ئاچقىنا ئىشىك...»
كۈجۈم ئۆيلەردە سۆزلەر مەي بولغان،
راھەت بېرىدۇ ئانار دانىسى.
ئەندىكتۈرىدۇ سۇنۇپ ھارارەت،
ئىسسىق چاي بىلەن قىز پىيالىسى.


بەلكىم مەست بولۇپ قالدى ھىلال ئاي،
سۆيدۇم تېرەكنى،ئاينى، ئايدىڭنى...
بەلكىم مەن تام يۆلەپ تۇرغان مەستلەرنىڭ بىرى...
بەلكىم مەن سوقما تاملىرىڭدا غورا تالاشقان،
يۇز يىل بۇرۇنقى «ئۇيغۇر بالىسى»...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر