باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«ئىزدىنىش» رومانى ۋە زوردۇن سابىر

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زوردۇن سابىر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق يازغۇچى. ئۇنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ھېكايە، پوۋېست، رومانلىرى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. شۇنداق قاراشقا بولىدۇكى، زوردۇن سابىر يۇقىرى بىلىم سەۋىيىگە، مول مەدەنىيەت ساپاسىغا پىشقان بەدىئىي ئىقتىدارغا ئگە يازغۇچى. ئۇ ئۆز ھاياتىدا ئۆگىنىش، ئىزدىنىشنى بىر مىنۇتمۇ توختىماي تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئۇ 1957- يىلى لەنجۇغا بېرىپ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئەدەبىيات ۋە تىل پەنلىرى بويىچە ئىزدەنگەندىن باشقا پەلسەپە، لوگىكا تارىخ، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىستېتىكا، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، نەتىجىدە، ئۇ مول بىلىم ئىگىلەش بىلەن بىللە توغرا دۇنيا قاراراش يېتلدۈرگەن.

  زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىدە ئۇنىڭ 1983- يىلى يېزىپ تاماملىغان ئىككى قىسىملىق «ئىزدىنىش» ناملىق رومانى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. «ئىزدىنىش» رومانىدا زوردۇن سابىرنىڭ يالغۇز بەدىئىي ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇڭا، زوردۇن سابىرنى تەتقىق قىلىشتا بۇ رومان ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

  زوردۇن سابىر ئىجادىيەت ھاياتىنى ھېكايە يېزىشتىن باشلاپ، كېيىن «ئابرال شاماللىرى» ناملىق رومانىنى يازغان. بۇ رومان يازغۇچى ئۈچۈن ئۆز قابىلىيىتىنى سىناش جەريانى بولغان. رومان پېرسوناژ يارىتىش، بەدىئىي قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. مۇشۇ روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كىشلەرگە زوردۇن سابىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن دېرەك بەرگەنىدى. زوردۇن سابىرنىڭ يوقىرى سەۋىيىدىكى بەدىئىي ھەم ئىلمىي ئىقتىدارى «ئىزدىنىش» رومانىنى يېزىش ئارقىلىق تولۇق نامايان بولغان. بۇ رومان يەنە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەردۇر. شۇڭا بىز بۇ روماندىن دۇنيانى، ھاياتنى، جەئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى توغرا ئىگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىم ۋە ئىدراكقا ئىگە بولىمىز. بىلىمنى قىزغىن سۆيۈپ، ھاياتنى مەنىلىك ئىشلارغا بېغىشلاشنىڭ ئىلمىي مېتودىكىسى بىلەن تونۇشىمىز؛ تەپەككۇر شەكلىمىزنى يېڭىلاپ يېڭىچە تۇرمۇش شەكلى بەرپا قىلىش يولىدا ئىزدىنىمىز. مانا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، روماننىڭ قىممىتىنى ناھايىتى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ.

  «ئىزدىنىش» رومانىنىڭ زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىدە مۇھم ئورۇن تۇتىدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە ئىجادىيەت قارشى دەل مۇشۇ رومان ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. زوردۇن سابىر ھاياتنى ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىش جەريانى دەپ قارىسا، تۆھپە قوشۇش، نەتىجە يارىتىشنى ھاياتنىڭ مەزمۇنى دەپ تونۇيدۇ. ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئالغا بېسىشتا، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ روھ روماندىكى ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىم ھەم يازغۇچىلىرىنىڭ ئىزدىنىش ھاياتى توغرىسىدىكى كونكرېت بايانلاردا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. يازغۇچى ئىجادىيەت قارىشى جەھەتتە رېئال چىنلىققا ۋە چىنلىق تەرەققىياتىغا سادىق بولۇش پوزىتىسىيىسىنى تۇتىدۇ. پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر مەنتىقىسىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. «ئىزدىنىش» رومانىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى زوردۇن سابىرنىڭ شەخسىي ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئىزدىنىش يوللىرىدىن تىپىكلەشتۈرۈلگەن. بۇنى يازغۇچى «مەن بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە ۋە ئىزدىنىش» (بۇ ماقالە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا 1992- يىلى ئېلان قىلىنغان) ناملىق ماقالىسىدە ئالاھىدە تىلغا ئالغانىدى. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، زوردۇن سابىرنىڭ ئىزدىنىش ھاياتىدا بىلىم ئىگىلەپ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش غايىسى نۇرغۇن ئەگرى – توقايلىقلارغا دۈچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ غايىسىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىگەن، بەلكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرلىگەن. يازغۇچىنىڭ بۇ غايىسى ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كىلىشى بىلەن تولۇق ئىشقا ئاشقان. بىز يازغۇچىنىڭ بۇنداق ھايات مۇساپىسىنى «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ئەلا ئوبرازىنىڭ يارىتىلىش جەريانلىرىدىن ھېس قىلىمىز. روماندىكى ئەلانىڭ ئىلىم يولىدىكى ئىزدىنىش ھاياتى يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىش ھاياتىدىن تىپىكلەشتۈرۈلگەنىدى. شۇڭا، شۇنداق ئىيتىشقا بولىدىكى، «ئىزدىنىش» رومانى زوردۇن سابىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بەدىئىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشتىن باشقا يەنە يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ھايات قارىشىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۇنى بۈگۈنكى دەۋر كىشلىرىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان كۈچكە ئايلاندۇردى.«ئىزدىنىش» رومانىنى زوردۇن سابىرنىڭ كىشلىك ھايات قىممىتى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى ئويلىنىشىنىڭ بەدىئىي يەكۈنى دېيىش مۈمكىن. رومان ئەلا قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىزدىنىش ھاياتىنى تەسۋىرلەش جەريانىدا كىشنى ئويلاندۇردىغان نۇرغۇن قىستۇرما تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەپسىلاتلاردا ياشاشنىڭ مەنىسى، ھاياتنىڭ قىممىتى، غايە، نىشان دېگەنلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، بىزنى ھايات ھەقىقەتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ ھەم بىزگە ئىلھام، تەسىرات بىغىشلايدۇ. بىزنى ئاشۇ پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلەر ئىچىگە ئېلىپ كېرىپ، ھايات ھەققىدىكى بىلىملىرىمىزنى بىيىتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.

  «ئىزدىنىش» رومانىنى يەنە زوردۇن سابىرنىڭ بىلىم قارىشىنىڭ ئەينىكى دېيىشكە بولىدۇ. روماندا ئاساسىي ۋەقەلىك بىلىم ئىگىلەش روھىنى مەدھىيلەش ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ، بىلىم ئىگىلەش يولىدىكى ئەگرى – توقايلىقلار تەسۋىرلەنگەن. بولۇپمۇ روماندا بىلىمنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك رولى باشتىن – ئاخىرى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان. شۇنداقلا رومان ئىگىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان.

  دېمەك، «ئىزدىنىش» رومانى زوردۇن سابىرنىڭ تۇرمۇش قارىشىنى، ھايات ۋە ئىزدىنىشكە تۇتقان پوزىتىسىيىسىنى شۇنىڭدەك بىلىم قارىشىنى نامايەن قىلىپ بىرىدىغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر