باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تەخەللۇس تەتقىقاتىمىز ھەققىدە

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا يازغۇچى، شائىرلار يازغان ئەسەرلىرىدىن باشقا ئۇلار قوللانغان ئەدەبىي تەخەللۇسلارمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تەخەللۇس قوللىنىش گەرچە، ھەممىلا ئەدىب ئۈچۈن شەرت بولمىسىمۇ، ئەمما ھەرقانداق بىر مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر ياخشى ئەنئەنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەنئەنە ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، شۇنىڭدەك ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىدىن ئۈگۈنۈشتە ئاكتىپ روللارنى ئوينايدۇ.

  ئەدەبىي تەخەللۇس قوللانغانلىق كۆپ ھاللاردا بىر ئەدىبكە نىسپەتەن ئېيتقاندا، شۇ ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە رەسمىي كىرىشىپ، ئەدەبىي تالانتىنى رەسمىي جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تەخەللۇس قوللىنىشنى ئەدىبكە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئىقتىدارى ھەم ئورنىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.

  تەخەللۇس قوللىنىش ھەربىر ئەدىبنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. ئەمما قانداق تەخەللۇس قوللىنىش بولسا، پۈتۈنلەي ئەدىبنىڭ ئىختىيارىغا بېقىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىش بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت ئېڭىنى، ئەدىب ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ تەلىپى ھەم ئېھتىياجىنى، ئەدىبتە شەكىللەنگەن دۇنيا قاراشنى ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ. ئەدىبلەر تەخەللۇس قوللانغاندا، ئەنە شۇ ئالدىنقى شەرتلەرنى تەبىئىي ئويلىشىدۇ. بەزىدە ھەتتا شۇ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ. بىز ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، بەزى ئەدىبلەرنىڭ ئۆز يۇرتىنى سۆيۈش، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۈش ئېڭىنى چىقىش قىلىپ تەخەللۇس قوللانغانلىقىنى؛ بەزى ئەدىبلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىر يۈكلىگەن مەجبۇرىيەتلەرنى چىقىش قىلىپ، تەخەللۇس قوللانغانلىقىنى؛ يەنە بەزى ئەدىبلەرنىڭ بولسا، مەلۇم ئىلغار دۇنيا قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىگە تەخەللۇس قوللانغانلىقىنى كۆرىمىز. دېمەك، تەخەللۇس قوللىنىش ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بىلەن ئەدەبىي قىممىتى ئەنە شۇنداق چوڭ بولغان بىرخىل ھادىسە.

  ئەدىبلەر ئۆز تەخەللۇسلىرىنى قانداق نوقتىدىن چىقىپ قوللانمىسۇن ، بۇ تەخەللۇسلار مەلۇم ئاكتىپ مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. تەخەللۇسشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ مەنا خاس تەخەللۇسنىڭ مەناسى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىنىڭمۇ مەناسى بولالايدىكەن. بۇ مەنا نۆۋىتىدە ئەدىب ياراتقان بارلىق ئىجادىيەتلەردە تېرەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ تۇرىدىكەن. كىتابخانىلار ھەم تەتقىقاتچىلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىكەن.

  ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ ئەنە شۇنداق مۇھىملىقى سەۋەبىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئەدەبىياتشۇناسلىقتا يېڭى بىر تەتقىقات ساھەسى بولغان تەخەللۇس تەتقىقاتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ تەتقىقات ئاساسلىقى ئەدىبلەرنىڭ تەخەللۇسلىرىنى توپلاش، ئۇنىڭ مەنىسىنى شەرھىلەش بىلەن شۇغۇللاندى. يەنە تەخەللۇس بىلەن ئەدىبلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ مۇناسىۋېتى، تەخەللۇس بىلەن ئەدىبلەر يازغان ئەسەرلەرنىڭ مۇناسىۋېتى، ئەدىبلەر ياشىغان دەۋىرنىڭ مۇناسىۋېتى... دېگەندەك تەرەپلەرمۇ تەتقىقات نوقتىسى بولدى. نۆۋەتتە تەخەللۇس تەتقىقاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلىماقتا. ھەرقايسى ئەل ئەدىبلىرى قوللانغان تەخەللۇسلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى، مەنا قاتلىمى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش نۆۋەتتىكى تەخەللۇس تەتقىقاتىنىڭ بىر يۈزلىنىشى بولۇپ قالماقتا. تەخەللۇس تەتقىقاتىنىڭ بۇنداق يۈزلىنىشى كىتابخانىلارنىڭ ئەدىبلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشى، ئەدەبىي مۇھىتتىن تېخىمۇ چوڭقۇر زوق ئېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، تەخەللۇس تەتقىقاتى ھازىرمۇ بىزدە بىر بوشلۇق ھالەتتە تۇرماقتا. ئېلىمىز خەنزۇ ئەدەبىياتىدا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن تەخەللۇس تەتقىقاتى رەسمىي باشلىنىپ كەتكەن. شۇندىن كېيىن تاكى يېقىنقى دەۋىرلەرگىچە ‹‹جوڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى››، ‹‹لۈشۈن ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى››دېگەنگە ئوخشاش ئونغا يېقىن مەخسۇس تەخەللۇس تەتقىقاتىغا دائىر كىتاب نەشىر قىلىندى. نۆۋەتتە بۇخىل تەتقىقات يەنىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىش ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئېگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار رەسمىي باشلانمىدى. كىلاسسىك ئەدىبلىرىمىزدىن ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قوللانغان ئىدى. بۇ ئەنئەنە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. كىلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، قۇتلۇق شەۋقى، ل. مۇتەللىپ، نىم شېھىت، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەر ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىپ، ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىشتەك بۇ ياخشى ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئىككىنچى ئەۋلاد ئەدىبلىرىمىزدىن قېيىم تۇردى، تۇردى سامساق، ئابدۇراھمان قاھار، ئەخەت تۇردى، مەھەممەتجان سادىق، بۇغدا ئابدۇللا قاتارلىقلارغا كەلگەندە بۇ ئەنئەنە ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ ئەدىبلىرىمىز شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىقى شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس كەچۈرمىشلىرىگە ھەم ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئېگە بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس ئىشلەتمىدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇشۇ بىر بۆلىكىدە، تەخەللۇس قوللىنىش ئەنئەنىمىزدە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

  تەخەللۇس قوللىنىش ئەنئەنىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى ئەدىبلەرنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئىزدىگەندىن كۆرە، بىزنىڭ تەخەللۇس تەتقىقاتىمىزنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىدىن كۆرگەن تۈزۈك. بىز تەخەللۇس قوللىنىشتا شۇنچە ئۇزاق تارىخقا ئېگە تۇرۇقلۇق، تەخەللۇس ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى ھېچقانچە ئېلىپ بارالمىدۇق. يازغۇچى، ئەدىبلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغاندا، شۇ ئەدىبلەرنىڭ تەخەللۇسلىرىنى ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمىدۇق. تەخەللۇسلارنىڭ قوللىنىش سەۋەبى، تۈزۈلۈشى، تۈرى، ئىجتىمائىي مەناسى، ئەدىبنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى، دۇنيا قارىشى بىلەن بولغان باغلىنىشى دېگەندەك تەرەپلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۈگۈنكى ئەدىبلەرنى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېگە قىلالمىدۇق. بۈگۈنكى ئەدىبلەرنى ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان بىلىشكە چوڭقۇر يېتەكلىيەلمىدۇق. نەتىجىدە، ئەدىبلىرىمىزدە تەخەللۇس قوللىنىشقا نىسپەتەن قىزغىنلىق سۇس بولدى. تەخەللۇس قوللىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك پىسخىكىسى شەكىللەندى.

  تەخەللۇس تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئېگە. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دەۋىر ئەدىبلىرىنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى رايون ۋە دۆلەت ئەدىبلىرىنى بىر-بىرىدىن ئۈگۈنۈش، بىر-بىرىنى چۈشۈنۈش، بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجادىيەتتە خاسلىق يارىتىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ياش ئەدىبلىرىمىزدە تەخەللۇس قوللىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولماقتا. كۆپلىگەن ياش ئەدىبلەر بۈگۈنكى دەۋىرگە خاس جۇشقۇن روھى كەيپىيات ھەم ئەدەبىياتىمىزدىكى گۈللىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزلىرىگە مەزمۇنى ئىلغار، ئەھمىيەتلىك، گۈزەل ئەدەبىي تەخەللۇسلارنى ئىشلەتمەكتە. بۇ ھال بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەخەللۇس تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا. (ئىلى پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى؛ ئەكبەر قادىر)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر