مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى بېيجىڭدا ئېچىلدى

سەي چى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.02.22 00:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش 1-قارارلىق مۇھاكىمە كۇرسى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە باشلاندى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ يىل 2-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە تۆت قارار مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلىپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كادىرلار نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلىنىدۇ.

  سەي چى سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، كۈرەش قىلىپ ياراتقان، ئەڭ ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بار. «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىسىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار ئەينەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى چۈشىنىپ، ئۆگىنىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، چېن شى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ