2- ئاينىڭ 15 - كۈنى، شېنجېن قولتۇقى تاموژنىسى يۈك توشۇش يولىدا بىر يۈكسىز ئاپتوموبىلنىڭ كابىنكىسىغا 180 تال HPV-9 ۋالېنتلىق ۋاكسىنىنى يۇشۇرۇپ چېگرىدىن ئەتكەس قىلىپ كىرگۈزۈش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، دېلو قىممىتى 240 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ھازىر بۇ دېلو بىر تەرەپ قىلغۇچى تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
شېنجېن قولتۇقى تاموژنىسىنىڭ خادىملىرى بۇ يۈكسىز ئاپتوموبىلنى تەكشۈرگەندە بىنورماللىقنى بايقاپ، دەرھال قول سېلىپ تەكشۈرىدۇ. كابىنكىنى تەكشۈرگەندە، ئارقا ئورۇندۇقتىكى يۇمشاق سېلىنچىنىڭ قېلىنلىقى نورمال ئەمەسلىكى، قولغا غەيرى ئۇرۇنىدىغانلىقىنى سېزىپ، ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگەHPV - 9ۋالېنتلىق ۋاكسىنىدىن جەمئىي 180 تال يۇشۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ