مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاڭ شىنچىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدى

2023.02.21 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىنچىنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار جاڭ شىنچىغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ جاڭ شىنچىنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىدىن ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە تۇغۇندىسىنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىپ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى. جاڭ شىنچى سوتتا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل ئىكەنلىكىنى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت قىلىپ ئېنىقلىنىشىچە: 2001-يىلدىن 2019-يىلغىچە، جاۋابكار جاڭ شىنچى ج ك پ ۋېيفاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋېيفاڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەر باشلىقى، ج ك پ ۋېيفاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، چىڭداۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، تۈر ئېچىش، قۇرۇلۇش قوبۇل قىلىش، پىلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن. 2006-يىلدىن 2021-يىلغىچە، جاڭ شىنچى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى باشقىلار ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، قوبۇل قىلغان پۇل خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 155 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جاڭ شىنچىنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ پارا ئالغان سوممىسى پەۋقۇلاددە كۆپ بولۇپ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچراتتى، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. ئۇنىڭ دېلودىن كېيىن يەنە باشقا چوڭ دېلولارنى پاش قىلىش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، پاش قىلغان دېلونى تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانغانلىقى، زور خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە رېۋىزىيە ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئېلىش پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، بارلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ پۇشايمان قىلغانلىقى، زاڭ پۇل-مال ۋە تۇغۇندىسىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ، دەپ قارىدى. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ