2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، سوغۇق ساقلاش ئىشكاپى توقۇلما بۇيۇملىرى، مەرمەر تاش قاتارلىق ماللار قاچىلانغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ماڭدى، بۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن يولغا چىققان 6500-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋرۇپا نۆۋەتچى پويىزى.
2015-يىلى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، «مال توپلاش، باغچىلاشقان رايون قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش»نى تەرەققىيات پىكىر يولى قىلغان بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، پورت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، شىمالىي ۋوگزال خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى باغچىلاشقان رايونى قاتارلىق كۆپ فۇنكسىيەلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2016-يىل 5-ئايدا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ شىئەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، جېڭجوۋدىن كېيىنكى 5-چوڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن شەھىرى بولۇپ، خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بىۋاسىتە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ يولغا چىقىش ۋە يېقىن، يىراق مەزگىللىك جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ غەربىي يولدىكى تىرانسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى توشۇغان ماللار ئەڭ دەسلەپكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىدىن ماشىنا-ئۈسكۈنە، سۇ-پار قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق 200 نەچچە تۈرگە كېڭەيدى، بۇ تاۋارلار 21 نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ئارقىلىق ياۋروپا-ئاسىيادىكى 19 دۆلەت، 26 شەھەرگە توشۇلىدۇ.
2020-يىلى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان «پولات كارۋان»لىق رولى خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى