مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەمسىز دىرىژابىلىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز بايانات ئېلان قىلدى

2023.02.07 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەمسىز دىرىژابىلىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان:

  دۆلىتىمىز ئامېرىكىنىڭ پۇقراۋى ئادەمسىز دىرىژابىلغا قورال كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازى ۋە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردى. دۆلىتىمىز تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا بۇ دىرىژابىلنىڭ پۇقراۋى دىرىژابىل ئىكەنلىكىنى، ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن ئامېرىكا چېگرىسىغا كىرىشىنىڭ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئۇقتۇردى. دۆلىتىمىز ئامېرىكىنىڭ سوغۇققان، كەسپىي ئۇسۇلدا، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدابۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئېنىق تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ بۇ ھاۋا شارىنىڭ يەر يۈزىدىكى خادىملارغا ھەربىي ۋە جىسمانىي تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا جاھىللىق بىلەن قورال كۈچى ئىشلىتىپ، زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقئارا قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. دۆلىتىمىز ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنىمۇ زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ