مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2022-يىلى ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

2023.02.07 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 2 -كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ 2022-يىللىق سودا ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ كىرگۈزۈش كۆلىمىدە يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 2021- يىلىدىكى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئاساسىدا، 2022-يىلى چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش داۋاملىق مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشقان؛ 2022-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 44 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، 2021-يىلىدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن.

  مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە، ياسىمىچىلىقنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 323 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2021-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ئاشقان. بولۇپمۇ چەت ئەل مەبلىغى ئىجازەت چەكلىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىشى بىلەن ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىدا مەبلەغ جەلپ قىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ %263.8 بولغان.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ %90تىن كۆپرەكى ئاساسلىقى جۇڭگو بازىرىغا يۈزلەنگەن، جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىستېمال بازىرى ھېسابلىنىدۇ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، بازار يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق ئاشقان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، بازار كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.

  ئىستېمال ساھەسىدە، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ٪6.2 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، ٪27.2كە يەتكەن. بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ پۈتۈن يىللىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەيدان قېتىم سانى، كۆرگەنلەر ئادەم قېتىم سانى، بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان تاۋار سانى، جانلىق دىكتورلارنىڭ سانى 2021-يىلىدىكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

  ئەمەلىي پارچە سېتىشتا ئېشىش ھالىتى ساقلىنىپ، چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى پارچە سېتىش كەسپىدىكى ئەمەلىي دۇكانلاردا تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 2021-يىلىدىكى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، ئىستېمال ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، ئىستېمال چۈشەنچىسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجى تېز ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 26 مىليون 864 مىڭغا يېتىپ، 2021-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئېشىپ، ئۇدا 14 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا سېتىلىشى 2021-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.4 ئاشقان، سىرتقا سېتىلىشى 2021-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %131.4 ئاشقان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سىڭىپ كىرىش نىسبىتى تۆتتىن بىر قىسىمغا يېتىپ، دۆلەت پىلانىدىكى نىشان مۇددەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن باھار بايرىمىلىق بازاردا ياخشى ۋەزىيەت داۋاملاشقان، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪6.8 ئاشقان.

  2022-يىلى خۇبېي ئۆلكىسى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىدىن 2469نى يولغا قويۇپ، 333 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدە قۇرۇلۇۋاتقان G5 تولۇق تۇتاشتۇرۇلغان زاۋۇت 108گە يېتىپ، 46 مىڭ سانائەت كارخانىسى بۇلۇتقا چىقىرىلىپ، قاپلاش نىسبىتى ٪45 تىن ئاشتى. كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنى رەقەملىك كونترول قىلىش نىسبىتى ٪58.1 كە يەتتى.

  خۇبېي شياڭيۈن گۇرۇھى خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئاردېئالىت داشقىلىنى ئىككىنچى قېتىم سۈزۈش، سۈمۈرۈپ قۇرۇتۇش، فوسفورنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلدى. جۇڭگو ۋۇخۇەن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاردېئالىتنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئاردېئالىتتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ٪60تىن ئاشۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ