مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شۈچاڭ-گۇاڭجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ۋاڭچېڭ بۆلىكىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 16 ئادەم ئۆلدى

2023.02.06 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 5-چېسلا خۇنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۈچاڭ-گۇاڭجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ۋاڭچېڭ بۆلىكىدە 4-چېسلا چۈشتىن كېيىن بەش قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 16 ئادەم ئۆلگەن.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، شۈچاڭ-گۇاڭجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا 676 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەزى ماشىنىلارغا ئوت كەتكەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدى-كەينى بولۇپ 10 مىنۇت ئىچىدە جەمئىي بەش قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، بىر قېتىملىق ۋەقەدە يەتتە ئادەم ئۆلگەن، ۋەقە يەتتە ماشىنىغا چېتىلغان؛ ئۈچ قېتىملىق ۋەقەدە ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، ۋەقە ئايرىم-ئايرىم ھالدا توققۇز، ئون، ئون بىرماشىنىغا چېتىلغان؛ يەنە بىر قېتىملىق ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ۋەقە 12ماشىنىغا چېتىلغان. ۋەقەدە يەنە 66 ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالانغان، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئادەمنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ھاياتلىق ئالامەتلىرى ۋاقتىنچە تۇراقلاشقان.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىلىك ج خ، قاتناش-تىرانسپورت، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلارنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، چاڭشا شەھەر رايونىدىكى ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى.

  نۆۋەتتە، ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ