مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغانلارنىڭ مائاشىنىقاراپ تۇرۇپ يوق قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ

2023.02.06 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  «سىلەر ياردەم قىلغاچقا قالغان مائاشىمنى ئالالىدىم» قەھرىتان سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئېيتىلغان بۇ رەھمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 4-تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تەپتىشى جۇ لىيەنگە ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

  قىسقا ئۇچۇرنى داشۆدە ئوقۇۋاتقان شياۋ لى ئەۋەتكەن بولۇپ، 2022-يىلى يازلىق تەتىلدە، شياۋ لى بۇلاقتاغ رايونىدىكى مەلۇم راك دۇكىنىدا ئىشلىگەن. شياۋلى ئىككى ئاي جاپالىق ئىشلەپ، ئۆيىگە قايتماقچى بولغاندا، راك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى گو XX ئۇنىڭغا بىر قىسىم مائاشىنى بەرگەن ھەمدە قالغان مائاشىنى شۇ يىلى 8-ئايدا بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. ئەمما شۇ يىلى 12-ئايغىچە شياۋلى نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ئالالمىغان. قايتا-قايتا سۈيلىگەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، شياۋلى تەپتىش ئورگىنىغا كېلىپ ياردەم سورىغان.

  2022-يىل 12-ئايدا بۇلاقتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەپتىش ئەمەلدارى جۇ لىيەننى شياۋلى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شياۋلى جۇ لىيەنگە گو XX نىڭ يەنە 3200 يۈەن مائاشىغا قەرز ئىكەنلىكىنى، بۇ پۇلنى ئەسلىدە ئۇنىڭ ئوقۇشقا تاپشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن 9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىشقا ئاز قالغاندا، مائاشىنى ئالالمىغان شياۋلى ئامالسىز ئائىلىسىدىكىلەردىن ئوقۇش پۇلى ئالغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە مېنىڭ جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم بىكارغا كېتەرمۇ دەپ سەل ئەنسىرەپ قالغان.

  ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەپتىش ئەمەلدارى شياۋ لى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن گو فامىلىلىك بىلەن ئالاقىلاشتى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە گو فامىلىلىككە سەۋرچانلىق بىلەن قانۇننى چۈشەندۈردى. گو XX شياۋلىنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە راك دۇكىنى ئىزچىل پۇل تاپالماي، نېسى قالغان مائاشىنى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، تېلېفوندىكى شياۋلى بىلەن گو XX مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن گو XX مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش كېلىشىمى بويىچە بىر قىسىم ئىش ھەققىنى تۆلىگەن، كېيىن يەنە ئۇدا نەچچە كۈن كېلىشىم بويىچە ئېشىپ قالغان ئىش ھەققىنى تۆلىمىگەن. شياۋ لى بۇ ئەھۋالنى تەپتىش ئەمەلدارىغا ئىنكاس قىلدى. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن گو XX كېلىشىمنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، يېقىندا ئېشىپ قالغان مائاشىنى بىر قېتىمدىلا ئۈزۈپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن شياۋلى يېرىم يىلغا يېقىن نېسى قالغان مائاشىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ