خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگنىڭ يېقىندا كورېيە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگوغا ئالاقىدار كۆپ قېتىم سۆز قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇنىڭ مەقسىتى كىشىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، لاگېر قارشىلىشىشىنى قارشى ئالمايدۇ.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كورېيە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، سۆزلىرىدە توختىماي جۇڭگونى تىلغا ئېلىپ، ئاتالمىش <جۇڭگو تەھدىتى>نى باش قاتۇرۇپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە سىزىقى سىزىپ، رايون دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالدى، ئۇنىڭ مەقسىتى كىشىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ.»
ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇغراپىيەلىك تالاش-تارتىش قىلمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەتكە تەھدىت سېلىشنى خالىمايدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ ھەمكارلىق، مۇقىم گۈللىنىش ۋەزىيىتى رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى، لاگېرلار قارشىلىشىشىنى قارشى ئالمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانداق رول ئوينىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى، ياۋروپانى قالايمىقان قىلىۋەتمەسلىكى، يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ