مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىن گاڭ تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.02.03 23:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  چىن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياخشى بولغان جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ كۆپ قېتىم بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، تۈركىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ رايون ئىشلىرىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

  چاۋۇش ئوغلۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. تۈركىيە تەرەپ بۇرۇنقىدەكلا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلمايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ