مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىددەتلىك بوران» ھەققانىيەتنى نامايان قىلدى، قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش «ئاخىرلاشمايدۇ»!

2023.02.03 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  «شىددەتلىك بوران» ناملىق تىياتىر ئاياغلاشقان بولسىمۇ ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئويلىنىش يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  ئەسەر ھەققانىيەتنى نامايان قىلىدۇ، جەمئىيەت ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  «شىددەتلىك بوران» ناملىق فىلىمنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان ئىنتىلىشى ھەم تەلپۈنىشىنى، قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن پۇختا نەتىجە-ئۈنۈملەرنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  قارا كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلىكى» جەمئىيەتتىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، تىياتىرنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى «ئەنشىن»لار ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئۆتكۈر شەمشەر بىلەن بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى كولاپ چىقاردى، بۇ دەل جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قوغداپ، خەلقنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  بۇ فىلىم ئاخىرلاشتى. ئەمما، قارا، رەزىل كۈچلەرنى، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى يىرتىپ تاشلايدىغان «شىددەتلىك بوران» ھېلى ھەم داۋاملاشماقتا.

  توغرا يول ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈدۇ، رەزىللىك ھەققانىيەتنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا تولغان قۇياش نۇرى بىلەن پۈتۈن زېمىننى يورۇتۇپ، «جىڭخەي» ئامان بولسا، كىشىلەر تېخىمۇ ئېسەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ