دۆلىتىمىزنىڭ ئېفىئوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەلچىخانا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، خەتەرلىك جايغا بارماسلىقىنى ئەسكەرتكەن.
30-چېسلا كەچتە، دۆلىتىمىز پۇقراسىدىن توققۇزى ئورومىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالى، پايتەخت ئەددىس-ئەبېبەگە تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان Gebre Guracha بازىرىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىرەيلەن بەختكە قارشى ئوق تېگىپ ئۆلگەن.
نۆۋەتتە، ئېفىئوپىيەدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇش توختىغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن رايونلاردا قەبىلە توقۇنۇشى، دىنىي زىددىيەت يەنىلا كەسكىنلەشكەن، بولۇپمۇ ئورومىيە ئىشتاتى ئەتراپىدىكى باشقا ئىشتاتلار بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلاردا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق قەبىھ دېلولار كۆپ يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، بىخەتەرلىك خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. ئېفىئوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئېفىئوپىيەدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، خەتىرى يۇقىرى جايلاردىن يىراق تۇرۇپ، خەتىرى يۇقىرى رايونلارغا بارماسلىقى ۋە ئۇ يەردىن ئۆتمەسلىكىنى، خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىن دەرھال بىخەتەر رايونغا چېكىنىشىنى، خەتىرى يۇقىرى رايونلارغا يېقىن جايغا جايلاشقان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت چېكىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئېفىئوپىيەنىڭ شۇ جايدىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى:991
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەرشارى كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت جىددىي چاقىرىش مەركىزىنىڭ تېلېفون نومۇرى:
0086-10-12308
0086-10-59913991
ئېفىئوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش تېلېفونى:0911686415
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ