مۇخبىرنىڭ 30-چېسلا سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىلى ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى بىرقەدەر تېز ئاشقان، پۈتۈن يىللىق مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 980 مىليارد 190 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت ئېكسپورت سوممىسى 2 تىرىليون 852 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.1 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 3 تىرىليون 127 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشقان.
بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى مۇقىم ئاشتى. 2022-يىلى، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 2 تىرىليون 506 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشقان. بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون 416 مىليارد 80 مىليون يۈەن بولۇپ، %12.2 ئاشقان. ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان ساھەلەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققى، تېلېگراف كومپيۇتېرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.5 ۋە %13 ئاشقان. بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئىمپورت سوممىسى 1 تىرىليون 90 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشقان. ئىمپورتنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان ساھە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %35.8 كە يەتتى.
ساياھەت مۇلازىمىتى ئىمپورت-ئېكسپورتى داۋاملىق ئەسلىگە كەلدى. 2022-يىلى، ساياھەت مۇلازىمىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، پۈتۈن بىر يىلدا ساياھەت مۇلازىمىتى ئىمپورت-ئېكسپورتى 855 مىليارد 980 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ