مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىكى لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش بارلىققا كەلدى

2023.01.13 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىكى لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش بارلىققا كەلدى! چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ سەپ تۈزۈش قانۇنىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاندى، 220 دىن ئارتۇق ساپال ھەيكەل بايقالدى.


  ئالتە بەگلىكنى يوقىتىپ، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن چىن بەگلىكى قوشۇننى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ سەپ تۈزگەن؟ چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىكى ساپال ھەيكەللەر قانداق تەرتىپتە ياسالغان؟ بۇ قەدىمكى سىرلار يېشىلىشكە باشلىدى. شەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 12-چېسلا شەنشىنىڭ 2022-يىللىق مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئارخېئولوگلار قەبرىستانلىقنىڭ سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى ھەمدەپنە ئازگاللىرىدىن 1-نومۇرلۇق ئازگالنى 10 نەچچە يىل سەرىپ قىلىپ 3-قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، 220 دىن ئارتۇق ساپال ھەيكەلنى بايقىغان ھەمدە لەشكىرىي سەپنىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتۇرغان، يەنە چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىكى ساپال ھەيكەللەرنىڭ ياسىلىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.


  1-نومۇرلۇق ئازگالنى 3-قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش 2009-يىلى باشلانغان بولۇپ، قازغان كۆلەم تەخمىنەن 430 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئارخېئولوگلار نۆۋەتتە 220 دىن ئارتۇق ساپال ھەيكەل، 16 ساپال ئات، تۆت ئۇرۇش ھارۋىسى ھەمدە ئات-ھارۋا بۇيۇملىرى، قورال-ياراغ، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى قاتارلىقلار ئېنىقلا ئايدىڭلاشتۇردى.


  چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى شېن ماۋشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1-نومۇرلۇق ئازگالنىڭ قۇرۇلمىسى رامكا شەكىللىك بولۇپ، قاپلىما ئۈكەكلىك ھەمدەپنە ئازگىلىغا سېلىشتۇرغاندا ياساش ھۈنىرى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مەقبەرە ئىچىگە بىر قەدەر بالدۇر ياسالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا يەنە نۇرغۇن بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان. مەسىلەن: قوراللارنىڭ تۈرى ۋە سەپلىنىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ھەيكەللەر ئازگىلىدىكى تۇنجى قالقان ئېنىقلانغان، ئالاھىدە ھەيكەللەرنىڭ فۇنكسىيەسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە لەشكىرىي سەپنىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. شېن ماۋشېڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا يەنە ساپال ھەيكەللەرنىڭ ياسىلىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، يەنى ساپال ھەيكەللەرنىڭ چوڭ گەۋدىسى ياسالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىنچىكە نەقىشلەر ئويۇلۇپ، ئاندىن ئىككى بىلىكى چاپلانغان.


  چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىكى لەشكەر-ئات ھەيكەللىرى ھەمدەپنە ئازگىلى چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر گۇرۇپپا چوڭ تىپتىكى ھەمدەپنە ئازگىلى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-نومۇرلۇق ئازگالنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەكشى يۈزى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك، ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىڭ 260 كىۋادرات مېتىر، تىزىلىش زىچلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، تولۇق قېزىۋېلىنسا تەخمىنەن 6000 دانە ساپال ھەيكەل ۋە ساپال ئات قېزىۋالغىلى بولىدىكەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ